ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر كېسەللىكلىرىئەرلەردىكى بالا تاپالماسلىق سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش

ئەرلەردىكى بالا تاپالماسلىق سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەرلەردىكى بالا تاپالماسلىق كېسىلى ئەرلەر كېسەللىكلىرى دائىرىسىدىكى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم تېمىسىدىن ئىبارەت دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WTO)نىڭ يولغا قويغان ئۆلچىمىدىن قارىغاندا، توي قىلغاندىن كېيىن ئەر-ئايال بىرگە تۇرۇپ ھىچقانداق تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىر

ئەرلەردا بالا تاپالماسىلىق
ئەرلەردا بالا تاپالماسىلىق

چەتئەللەردىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھەرقايسى جايلاردىكى بالا تاپالماسلى كېسىلىنىڭ بايقىلىش پەرقى ئىنتايىن چوڭ(45%~5گىچە) بولۇپ، ئامېرىكىدا %15، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەردىكى ئامىللار سەۋەبىدىن بولغىنى %30، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ سەۋەبىدىن بولغىنى%20 ئىكەن.كۆپىنچە دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە بالا تاپالماسلىق كىسىلىگە دىئاگنوز قويۇشتا، توي قىلغاندىن كېيىن 2يىلغىچە بالا تاپالماسلىقنى ئۆلچەم قىلىدۇ.

 ئەرلەردىكى بالا تاپالماسلىق كېسىلىنىڭ دىئاگنوزى

ئىسپېرما سۇيۇقلۇقى ۋە ئۇرۇق پلازمىسىنىڭ فىزىكىلى ۋە خىمىيىۋىلىكل تەركىبىنى ئانالىز قىلىش، ئەرلەردىكى بالا تاپالماسلىق كېسىلىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتىكى ئەڭ ھالقىلىق ئۇسۇلدىن ئىبارەت. يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەملىكىتىمىزدە ئېلىكتىرونلۇق ئەسۋابلار بىلەن ئىپېرما سۇيۇقلۇقىدىن تېخىمۇ توغرا ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل باھا بېرىش ئۇسۇللىرى يولغا قويۇلۇپ، شۇنداقلا ئۇرۇق پلازمىسىدىكى سۈت كەلتۈرگۈچى ھورمون، LOHسىمان فېرمېنتى، ئۇروكىنازا، ئۇرۇق ھۈجەيرىسى سىرتقى پوستى ماي ماددىسىنىڭ قوش ئوكسىدلىق رېئاكسىيىسى ۋە ئىسپېرما سۇيۇقلۇقىدىكى لىمفا ھۈجەيرىسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئوخشاشمىغان ئۇرۇقلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئۇرۇق پلازمىسىنىڭ فىزىكىلىق، خىمىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى مۆلچەرلەش ئىشلىرى يولغا قويۇلماقتا.

جىنسىي ئەزالار سېستىمىسىدىكى خلامىدىيىلىك ۋە مىكوپلازمىلىق يۇقۇملىنىشلار ئۇرۇق ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، بەدەندە ئىممۇنىتلىق ئىنكاس قوزغاپ، ئۇرۇققا قارشى ئانتىتېلانى پەيدا قىلىدىغانلىقى تەتقىق قىلىپ چىقىلدى.

ئۇرۇق بېغىش ۋېناسى ئەگرى-بۈگرى كېڭىيشىمۇ پەرزەنتلىك بولالماسلىق كېسىلىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنى كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىغاندا، جىنسىي قابىليەتنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرىشىدىن بولغىنى%12.2دىن %32.3كىچە؛ ئۇرۇق بېغىش ۋىناسىنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيشىدىن بولغىنى %11.3دىن %38.6كىچە؛ ئىسپېرما سۇيۇقلۇقىنىڭ نورمالسىزلىقىدىن بولغىنى%20.5دىن %44.5كىچە؛ ئىممۇنىتلىق سەۋەبىدىن بولغىنى %1.3دىن %10.2كىچە؛ يۇقۇملىنىش خاراكتىرلىك كېسەللەر سەۋەبىدىن بولغىنى %3.5دىن 13.7كىچە؛ ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكىدىن بولغىنى %1.9دىن %4.1كىچە؛ سەۋەبى ئېنىق بولمىغانلىرى%7.3دىن %9.7كىچە بولغان.

ئەرلەردىكى بالا تاپالماسلىق كېسىلىنىڭ داۋالاش پىرىنسىپلىرى

ئەرلەردىكى بالا تاپالماسلىق كېسىلىنىڭ دىئاگنوزى ئېنىقلانغاندىن كېيىن،دىئاگنوز قويۇشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ. جىنسىي ئەزالار سىستېمىسىدىكى يۇقۇملىنىش ئالاھىدە ۋە ئادەتتىكى يۇقۇنلىنىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھازىر خلامىدىيىلىك ۋە مىكوپلازمىلىق يۇقۇملىنىشقا بولغان تونۇش بىر قەدەر ئىلگىرلەپ، يۇقۇملىنىشقا بولغان تونۇش بىر قەدەر ئىلگىرىلەپ، يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن بالا تاپالمىغان بىمارلارنى داۋالىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش نىسبىتى %20گە يەتكەن. ئىممۇنىتلىق سەۋەبىدىن بالا تاپالمىغانلارغا ئىممۇنىت تورمۇزلىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشمەكتە.

ئەرلەر جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن بولغانلارنىڭ جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقىنى داۋالاش زۆرۈر. ئوپېراتسىيە ۋېناسى ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش ۋە جىنسىي ئەزا يوللىرى توشۇلۇشتىن بولغانلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. پىروبىركىدا تۆرەلمە يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇخۇم نەيچىسى راۋان بولمىغان ئاياللار ۋە ئۇرۇق سانى ئالاھىدە ئاز بولغان ئەرلەر ئۈچۈن نىجاتلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

 
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-05-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-02 / 04:42:39

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ