ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر كېسەللىكلىرىمەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 ئىش

مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 ئىش

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

مەزى بېزى ياللۇغى- بولسا ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەزى بېزى ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا دوۋسۇن ساھەسى چىڭقىلىپ ئاغرىش، پات-پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈكنىڭ ئالدى كەينىدە ئاق شىلىمشىق سۇيۇقلۇق كېلىش ، جىنسى قابىلىيەت تۆۋەنلەش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. مەزى بېزى ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ئىچىدە بىر قەدەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ

مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 ئىش

نۆۋەتتە مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم بىمارلار مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرتۈپ، ۋاقتىدا داۋالىنىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم بىمارلار بەدەن ئالامەتلىرىگە قاراپ، ئۆزىگە ئۆزى دىئاگنوز قويۇپ دورا ئىشلىتىش ياكى بىلىم سەۋىيىسى تۆۋەن تېۋىپلارغا كۆرۈنۈپ، خاتا داۋالاش ئىلىپ بېرىلىش، داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە پەرھىزگە سەل قاراش قاتارلىقلارغا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كېسەللىك تەكرار قوزغىلىش، ساقىيىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش، كېسەللىكى ئېغىرلاپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە. ئەگەر بۇ خىل كېسەللىككە قارىتا خاتا دىئاگنوز قويۇلسا ياكى خاتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا، شۇنداقلا ئالدىنى ئىلىش ۋە پەرھىزگە ئەھمىيەت بېرىلمىسە، كېسەللىك تېخىمۇ ئېغىرلاپ مەزى بەز ئۆسۈش، مەزى بەز راكى قاتارلىق خەتەرلىك كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا مەزى بېزى ياللۇغى كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلار ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ داۋالىنىشى، شۇنداقلا ساقايغاندىن كېيىنمۇ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرىغا ۋە پەرھىز قائىدىسىگە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، مايلىق، تۇزلۇق يېمەك -ئىچمەكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. چۈنكى بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، مەزى بېزىنى غىدىقلاپ، ماددا ئالمىشىشنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، مەزى بېزىنىڭ نورمالنى خىزمەت پائالىيىتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان بىمارلار توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى لازىم.

2. ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى، قان كۆپەيتىدىغان يېمەك – ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك. چۈنكى مەزى بېزى قان ئايلىنىش بىر قەدەر سۇس بولغان ئەزا بولغاچقا، قان كۆپەيتىدىغان يېمەك- ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا مەزى بېزىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۇنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا قان كۆپەيتىدىغان يېمەك ئىچمەكلەردىن ئاق ئۈجمە ، قىزىل ئۈزۈم قاتارلىق مېۋە- چىۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش پايدىلىق.

3. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىش، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، زىيادە چارچاش تەسىرىدىن بەدەندىكى ئېنېرگىيە خوراپ كېتىپ ، مەزى بېزىنىڭ خىزمىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. نەتىجىدە مەزى بېزىنىڭ نورمالنى خىزمەت پائالىيىتى قالايمىقانلىشىپ، ياللۇغ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ.

4. ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن ساقلىنىش كېرەك. بۇ جەھەتتە ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش، كۆپ جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، جەلەق قاتارلىق ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى بۇ خىل ئەھۋاللار تەسىرىدە مەزى بېزى تەكرار غىدىقلىنىپ، ياللۇغنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا بۇ خىل كېسەللىك بىلەن ئاغرىغۇچىلار توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

5. پاسسىپ روھى كەيپىيات ئامىللىرىدىن ساقلىنىش كېرەك. يەنى غەم-ئەندىشە قىلىش، قايغۇرۇش، ئاچچىقلىنىش قاتارلىق پاسسىپ روھى كەيپىيات ئامىللىرى سىمپاتىك نېرۋىنى تورمۇزلاپ، پاراسىمپاتىك نېرۋىنىڭ قوزغىلىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ،بۇنىڭ بىلەن مەزى بېزى تەكرار غىدىقلىنىپ، كېسەللىك قايتا قوزغىلىدۇ.شۇڭا مەزى بېزى كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغۇچىلار روھى جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇشى، روھى بېسىمغا ئۇچرىماسلىقى لازىم

6. قەرەللىك ھالدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك. مەزى بېزى ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ بەدەندىكى ئالامەتلىرى سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى باشقا كېسەللىكلەر بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ.شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈتۈش، تەكشۈرتۈپ دىئاگنوزنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن دەرھال مۇنتىزىم داۋالىنىش، داۋالاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرمەسلىك لازىم.

7. قالايمىقان دورا ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. جىنسى ئاجىزلىق، سۈرئىتى ئىنزال، ئۇرۇقدان ۋېنا تومۇرىنىڭ ئەگرى-بۈگرى كۆپۈشى قاتارلىق كېسەللىكلەردىمۇ مەزى بېزى ياللۇغى كېسەللىكىگە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بىمار ئۆزى بىلەرمەنلىك قىلىپ، ئالامەتكە ئاساسەن مەزى بېزى ياللۇغىغا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك لازىم.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
3
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ