ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىقانداق كىشىلەرگە ئاسان ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ؟

قانداق كىشىلەرگە ئاسان ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1. بالىلار: بالىلارنىڭ ئەزالىرى تېخى مۇكەممەل يېتىلمىگەن، تېمپېراتۇرا تەڭشەش مەركىزىنىڭ ئىقتىدارى (فۇنكسىيەسى) ناچار، تېرە ئاستى ياغلىرى، بولۇپمۇ ئىسسىق ساقلاش رولىغا ئىگە قوڭۇر رەڭلىك ياغ مىقدارى نىسبەتەن كۆپ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشى ئانچە ياخشى بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالىلارغا ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ.

.2 ياشانغانلار: ياشانغانلاردىكى تېرە تەر بەزلىرىنىڭ يىگىلىشى ۋە قان ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ چېكىنىشى، ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

.3 تۇغۇتلۇق ئاياللار: تۇغۇتتىن كېيىن، بەدەن قۇۋۋىتى زور دەرىجىدە خوراپ، بەدەن ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئەگەر ھاۋا ئالمىشىشى ناچار، تېمپېراتۇرا نىسبەتەن يۇقىرى ئۆيلەردە تۇرۇۋەرسە، ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ.

.4 يۈرەك – قان تومۇر كېسىلى بارلار: تومۇز ئىسسىق كىشىلەرنىڭ سىمباتىك نېرۋىلىرىنى غىدىقلاپ، يۈرەك، قان تومۇر سىستېمىسىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بولۇپمۇ يۈرەك فۇنكسىيەسى تولۇق بولمىغان ئاغرىقلارنىڭ بەدىنىدىكى ئېنېرگىيە ۋاقتىدا تېرىگە يۆتكىلەلمەي، بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ، ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ.

.5 تېرە قېتىش كېسىلى ۋە ئېغىر دەرىجىدە كۆيگەنلەر: بۇنداق ئاغرىقلارنىڭ تەر بەزلىرى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەنلىكتىن، ئىسسىقلىقنى تارقىتالمايدۇ. نەتىجىدە ئىسسىقلىق بەدەندە ساقلىنىپ قېلىپ، ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ.

.6 يۇقۇملىنىش كېسەللىرى: باكتېرىيە ياكى ۋىرۇسلۇق يۇقۇملىنىشلارمۇ بىر خىل ئىسسىقلىق پەيدا قىلىش مەنبەسى بولۇپ، بەدەننىڭ ئىسسىقلىق ئاجرىتىشىنى تېزلىتىدۇ ھەم كۆپ مىقداردا كاتېخولامىن تۈرىدىكى ماددىلارنى ئاجرىتىدۇ، بۇ ماددىلار قانغا كىرگەندىن كېيىن، قان تومۇرلارنى سىپازمىلاپ، ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

.7 قەنت سېيىش كېسىلى بارلار: بۇ كېسەلدە قەنت سۈيدۈك ئارقىلىق كۆپ مىقداردا چىقىپ كەتكەچكە، سۇ ۋە ئېلېكتىرولىتلارنىڭ ئالمىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، يۈرەك، قان تومۇر سىستېمىسى ۋە ئەتراپ نېرۋىلىرىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئورگانىزملارنىڭ ئىچكى – تاشقى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان ئىنكاسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ.

.8 ئوزۇقلىنىشى ناچار كىشىلەر: ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل بولسا، بۆرەكنىڭ قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرلارنىڭ رېفلېكسلىق قىسقىرىشىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە دائىم ئىچى سۈرۈپ، بەدەن سۇسىزلىنىدۇ ۋە ئېلېكتىرولىت ماددىلار قالايمىقانلىشىدۇ، شۇڭا ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ.

مەنبە:
تور دۇنياسى
(ئەسلى ئاپتورى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ)

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-04-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-04-01 / 06:12:38

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ