ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرقان كېسەللىكلىرىياشانغانلار كەم قانلىققا سەل قارىسا بولمايدۇ

ياشانغانلار كەم قانلىققا سەل قارىسا بولمايدۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، كىشىلەردە كالىتسىي كەملىك ، مىكرو ئېلېمىنىتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق ، شۇنىڭدەك كۆپىنچە كىشىلەر ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمەيدىغان كەم قانلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن

ئەگەر ۋاقتىدا قان تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بەرمىگەندە ، مېڭە ۋە يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىپ ، ئاسانلا يۈرەك – مېڭە قان تومۇر كېسەللىرىگە گىرىپتار قىلىپ قويىدىكەن .

ياشانغانلار ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىشى ، يىلىكنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىشئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ، ۋىتامىن b12 فولىن كىسلاتاسى ۋە تۆمۈر ماددىسىنى يېتەرلىك قوبۇل قىلالمايدۇ – دە ، كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ . ئەگەر ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا ئۇزاق مەزگىلگىچە كەم قانلىق كۆرۈلۈپ ، ۋاقتىدا قان تولۇقلانمىسا ، مېڭە قان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن مېڭە يىگىلەش ، ئۇنتۇغاقلىق ، ياشانغانلاردا بولىدىغان دېۋەڭلىك كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ .

ئۇنىڭدىن باشقا ، كەم قانلىق يۈرەك ، مېڭە ۋە شۇنىڭدەك مۇھىم ئىچكىئەزالارنىڭ زەئىپلىشىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ . شۇڭا ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئادەتتە ۋىتامىن c , b تۈرىدىكى ۋىتامىنلار ، فولىن كىسلاتاسى ، ئاقسىل ۋە تۆمۈر ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش ئارقىلىق ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان كەم قانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقائەھمىيەت بېرىش لازىم .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-01 / 05:59:43

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ