ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلارئانا ۋە بالاقىزلار تۇنجى ھەيزى مەزگىلىنى قانداق ئۆتكۈزۈش كېرەك؟

قىزلار تۇنجى ھەيزى مەزگىلىنى قانداق ئۆتكۈزۈش كېرەك؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

قىزلارنىڭ تۇنجى ھەيزى: ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى مۇھىم قەدەم ۋە ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن قوللانما

قىز بالىنىڭ تۇنجى قېتىم ھەيز كۆرۈشى ( تۇنجى ئادەت Menarche ) ، ئۇنىڭ بالاغەتكە يېتىش مۇساپىسىدىكى تەبىئىي ۋە مۇھىم بىر بېكەتتۇر. بۇ ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ قىزلىقتىن ئاياللىققا ئۆتۈۋاتقانلىقىنىڭ ساغلام بەلگىسى. ئەمما بۇ جەريان نۇرغۇن قىزلار ۋە ھەتتا ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن قايمۇقۇش، ئەندىشە ۋە بىر ئاز جىددىيلىكنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇ ھەقتە توغرا بىلىمگە ئىگە بولۇش ۋە قىزلارغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

قىزلار تۇنجى ھەيزى مەزگىلىنى قانداق ئۆتكۈزۈش كېرەك؟

 

قىزلار تۇنجى قېتىم قاچان ھەيز كۆرۈشكە باشلايدۇ؟

قىزلارنىڭ تۇنجى ھەيز كۆرۈش يېشى ھەر خىل بولىدۇ، لېكىن ئادەتتە 9 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بېرىدۇ. كۆپىنچە قىزلار 12-13 ياش ئەتراپىدا تۇنجى ھەيزىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. تۇنجى ھەيزنىڭ كېلىش ۋاقتىغا تۆۋەندىكى ئامىللار تەسىر كۆرسىتىدۇ:

  • ئىرسىيەت: ئادەتتە ئانىسى ياكى ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ تۇنجى ھەيز كۆرگەن يېشىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
  • ئوزۇقلۇق ۋە بەدەن ئېغىرلىقى: بەدەن ئېغىرلىقى ۋە ماي نىسبىتى يۇقىرىراق قىزلاردا ھەيز بالدۇرراق كېلىشى مۇمكىن.
  • تۇرمۇش ئادىتى: دائىملىق ھەرىكەت ۋە ئومۇمىي سالامەتلىك ئەھۋالىمۇ رول ئوينايدۇ.

تۇنجى ھەيز كېلىشتىن بۇرۇنقى بەلگىلەر: قىزىڭىزنىڭ كۆكسى چوڭىيىدۇ ، ئەۋرەت قىسمىغا ۋە قولتۇق ئاستىغا قويۇق تۈكلەر ئۆسۈشكە باشلايدۇ، بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە بەزىدە ئاق رەڭلىك جىنسىي يول سۇيۇقلۇقىنىڭ كېلىدۇ .. بۇلار ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىلەر بولۇپ ، بالاغەتكە يېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولسا، تۇنجى ھەيزىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

تۇنجى ھەيزدىن كېيىنكى جىسمانىي ئۆزگىرىشلەر

تۇنجى ھەيز بىر قىزنىڭ بەدىنىدە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇلار نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر:

  1. قەرەلسىز ھەيز: دەسلەپكى بىر-ئىككى يىلدا ھەيزنىڭ قەرەلسىز كېلىشى كۆپ ئۇچرايدۇ. بەزىدە بىر ئاي كەلمەسلىكى، بەزىدە بالدۇر ياكى كېچىكىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇ ھورمونلارنىڭ تەڭشىلىش جەريانى بولۇپ، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
  2. ھەيز ئاغرىقى: قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا سىقىلىپ ياكى تارتىشىپ ئاغرىش كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ بالىياتقۇ مۇسكۇلللىرىنىڭ قىسقىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
  3. ھەيزدىن ئىلگىرىكى ئۇنىۋېرسال كېسەللىك ئالامەتلىرى (PMS): ھەيز كېلىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن كۆكسى (ئەمچەك) سىقىلىپ ئىششىغاندەك ۋەيا كۆپكەندەك ئاغرىش، ھارغىنلىق، باش ئاغرىقى، بالىياتقۇ قىسمى كۆپۈش ۋە يۈزگە دانىخورەك ۋەيا داغ چىقىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

 

روھىي ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەر

جىسمانىي ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىرگە قىزلارنىڭ روھىي دۇنياسىمۇ ئۆزگىرىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇلاردا تۆۋەندىكىدەك ھېسسىياتلار بولۇشى مۇمكىن:

  • قايمۇقۇش ۋە ئەندىشە: «ماڭا نېمە بولدى؟»، «بۇ نورمالمۇ؟»، « كېسەل بولۇپ قالغاندىمەنمۇ؟ » دېگەندەك سوئاللار بىلەن گاڭگىراپ قېلىشى مۇمكىن.
  • خىجىللىق ۋە نومۇس: بولۇپمۇ ئائىلىدىكى ئەرلەر (دادىسى، ئاكىلىرى) ياكى مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرى ئالدىدا خىجىل بولۇشى، بۇنى يوشۇرۇشقا تىرىشىشى مۇمكىن.
  • كەيپىياتنىڭ تۇراقسىزلىقى: ھورمونلارنىڭ تەسىرىدىن ئاسان ئاچچىقلىنىش، غەمكىن بولۇش، سەۋەبسىز يىغلاش قاتارلىق كەيپىيات ئۆزگىرىشلىرى كۆرۈلىدۇ.
  • ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ ئۆزگىرىشى: بەزىلەر ئۆزىنى «چوڭ بولغان» ھېس قىلىپ ئىپتىخارلانسا، بەزىلەر بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر سەۋەبلىك ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىشى مۇمكىن.

 

ئاتا-ئانىلار قانداق تەربىيە بېرىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك؟

بۇ مۇھىم مەزگىلدە ئاتا-ئانىلار، بولۇپمۇ ئانا تەرەپنىڭ قوللىشى ۋە توغرا يېتەكلىشى قىزلارنىڭ بۇ ئۆتكەلنى ساغلام ۋە خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  1. بالدۇر ۋە ئوچۇق سۆھبەتلىشىڭ: قىزىڭىزنىڭ تۇنجى ھەيزىنى ساقلاپ ئولتۇرماي، بالاغەتكە يېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن باشلاپلا بۇ تېمىدا سۆھبەتنى باشلاڭ. بۇنىڭ بىر تەبىئىي جەريان ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر قىزنىڭ باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك تىلدا سۆزلەپ بېرىڭ.
  2. ئىجابىي ۋە قوللاش پوزىتسىيەسىدە بولۇڭ: ھەيزنى «ئازاب»، «ئاۋارىچىلىق» ياكى «مەينەت ئىش» دەپ تەسۋىرلىمەڭ. ئەكسىچە، بۇنىڭ سالامەتلىكنىڭ ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەڭ. تۇنجى ھەيزى كەلگەندە ئۇنى تەبرىكلەپ، بۇنىڭ بىر ئالاھىدە كۈن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇڭ.
  3. ئەمەلىي تەييارلىق قىلىپ بېرىڭ: قىزىڭىزغا ھەيز تازىلىق قەغىزى، ئۇنىڭ تۈرلىرى ۋە قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئۆگىتىڭ. مەكتەپ سومكىسىغا بىر «جىددىي ياردەم خالتىسى» تەييارلاپ بېرىڭ (ئىچىگە بىر نەچچە تال تازىلىق قەغىزى، يېڭى ئىچ كىيىم سېلىپ قويۇڭ). شەخسىي تازىلىقنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگىتىڭ.
  4. ھېسسىياتىغا ھەمدەمدە بولۇڭ: ئۇنىڭ ئەندىشىسى ۋە سوئاللىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ. ئۇنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ، يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ھەر قانداق سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
  5. دادىلارنىڭ رولىنى نەزەردىن ساقىت قىلماڭ: دادىلارمۇ بۇ جەرياندا مۇھىم رول ئوينايدۇ. دادىلار بۇنى يوشۇرىدىغان ياكى چەتكە قاقىدىغان تېما ئەمەس، بەلكى نورمال ھاياتنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراپ، قىزىغا توغرا بىر شەكىلدە كۆيۈمچانلىق ۋە قوللاش كۆرسىتىشى كېرەك. بۇ ئائىلىدە ساغلام مۇھىت يارىتىشقا ياردەم بېرىدۇ.
  6. خۇراپاتلىقلارنى تۈزىتىڭ: ھەيز مەزگىلىدە يۇيۇنۇشقا، ھەرىكەت قىلىشقا بولمايدۇ دېگەنگە ئوخشاش يالغان قاراشلارنى ئىلمىي چۈشەنچىلەر بىلەن تۈزىتىڭ. مۇۋاپىق ھەرىكەت ۋە ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇشنىڭ ھەيز ئاغرىقىنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭ.

 

قىز بالىنىڭ تۇنجى ھەيزى – ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بىر يېڭى سەھىپىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوچۇق-يورۇق سۆھبىتى، ئىجابىي يېتەكلىشى ۋە ئەمەلىي ياردىمى قىزلىرىنىڭ بۇ ئۆزگىرىشنى قورقۇنچ بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىشەنچ ۋە خاتىرجەملىك بىلەن قارشى ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتىدۇر.

 


 

ھەيز توغرىلىق تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ :

ھەيز ( ئادەت كېلىش ) ھەققىدە بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ