دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
27 تانە باھا سۆزى بار
4373 يازمىسى بار

AI تېخنىكىسى ئارقىلىق دېۋەڭلىك كېسىلىگە تېخىمۇ بالدۇر دىئاگنوز قويۇش ئىمكانىيىتى تۇغۇلماقتا

يېقىندا ،Mayo Clinic تەتقىقاتچىلىرى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ( AI ) دىن پايدىلىنىپ ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما ( EEG ) نىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرىدىغان يېڭى بىر خىل ئۇسۇلنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. بۇ تېخنىكا مېڭە كېسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىنى تېز، توغرا تەكشۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ تېخنىكا ئارقىلىق بىمارلارغا تېخىمۇ بالدۇر دىئاگنوز قويۇش ۋە بالدۇر داۋالاش ئېلىپ بېرىشقا ئىمكان تەمىنلەپ، كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىشى مۇمكىن.

ياش تۇرۇپلا يۈرەك تىقىلمىسى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ

يۈرەك تىقىلمىسى ناھايىتى خەتەرلىك، كېسەللىك قوزغالغان ھامان جاننى ئالىدۇ، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى. يېقىندا، تونۇلغان بىر سىنارىست يۈرەك تىقىلمىسى كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىش سەۋەبىدىن قازا قىلغان، ئۇئەمدىلا 40 ياشقا كىرگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۈرەك تىقىلمىسى سەۋەبلىك قازا قىلىدىغانلارنىڭ سانىبارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.

ئۈچەي غۇرۇلداش ۋە تەرەت قىستاش

ئۈچەي غوڭۇلداش ئۈچەي يولىدىكى گاز ۋە سۇيۇقلۇق ئاققاندا پەيدا بولغان ئاۋازنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە قورساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش ياكى قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ئەگىشىپ كېلىدۇ. تەرەت ئىستىكى بولسا تەرەت قىلىش ئارزۇسىنى كۆرسىتىدۇ.

تۇنجى تىتان قېتىشمىسىدىن ياسالغان يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلدى

2024 - يىلى 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئامېرىكا تېكساس يۈرەك تەتقىقات ئورنى تۇنجى تىتان قېتىشمىسىدىن ياسالغان يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ باردى. بۇ خىل پۈتۈنلەي مېخانىكىلىق يۈرەكنى BiVACOR شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ ماگنىتلىق سۇسپېنزىيە تېخنىكىسى ( maglev ) قوللىنىلغان بولۇپ ، يۇقىرى سۈرەتلىك پويىز تېخنىكىسىغا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ قۇرۇلما تىتان مېتالدىن تۈزۈلگەن قوش كامېرلىق ئايلانما قان پومپىسى بولۇپ، پەقەت بىرلا ھەرىكەت بۆلىكى بار ئىكەن، ماگنىتلىق لەيلىمە روتور ئارقىلىق قاننى پومپا بىلەن يەتكۈزۈپ، زەئىپلەشكەن يۈرەكنىڭ ئىككى يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ ئورنىنى باسالايدىكەن.

ئوپىراتسىيىدە نىمە ئۈچۈن يېشىل ياكى كۆك رەڭلىك رەخت ئىشلىتىدۇ؟

سىز دوختۇرخانىلارنىڭ ئوپېراتسىيە ئۆيىدىكى رەختلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يېشىل ياكى كۆك رەڭ بولۇشنىڭ سەۋەبىگە قىزىقىپ باققانمۇ؟ قارىماققا ئاددىي كۆرۈنىدىغان بۇ تاللاشنىڭ ئارقىسىدا پەقەت گۈزەل بولۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى چوڭقۇر ئىلمىي ئاساسى ۋە پىسخولوگىيە ئاساسى بار.

پالەچلىنىش

پالەچ بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسمى ياكى ھەممىسى نورمال ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش، تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ھەمدە داۋالاش ئۇسۇلى بۇ خىل ئەھۋالنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.

غەربىي نىل دەرياسى ۋىرۇسى ئامېرىكىدىكى بەزى شىتاتلاردا تارقالماقتا

يېقىندا، ئامېرىكىدىكى ئاز دېگەندە 18 شىتات غەربىي نىل دەرياسى ۋىرۇسى (West Nile Virus) بىلەن يۇقۇملانغانلارنى دوكلات قىلدى، بۇ ئاممىۋى سەھىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. غەربىي نىل دەرياسى ۋىرۇسى ئاساسلىقى يۇقۇملانغان پاشا چېقىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ، گەرچە كۆپ ساندىكى يۇقۇملانغۇچىلاردا پەقەت يېنىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسىمۇ، لېكىن ئاز ساندىكى ئەھۋالدا ئېغىر نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

تۇلەن ئۇنىۋېرسىتىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مېڭە HIV ۋىرۇسلىرىنى يوقىتىشتىكى نەتىجىلىرى

يېقىندا تۇلەن ئۇنىۋېسىتىتىكى تەتقىقاتچىلار تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان يېڭى بىر دورا چوڭ مېڭىدىكى HIV ۋىرۇسىنى تازىلاش يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. بۇ تەتقىقاتقا تۇلەن دۆلەتلىك پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلار تەتقىقات مەركىزىدىكى دوكتور Woong - Ki Kim رەھبەرلىك قىلغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە راك كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلگەن كىچىك مولېكۇلىلىق تورمۇزلىغۇچى دورا BLZ945 نى بايقىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق SIV ( HIV مايمۇن نۇسخىسى ) نىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

يېڭى ئالزېيمېر دورىسى donanemab ئامېرىكىدا تەستىقتىن ئۆتتى

ئامېرىكا يېمەكلىك - دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ( FDA ) يېقىندا donanemab ئىسىملىك يېڭى ئالزېيمېر كېسىلى دورىسىنى تەستىقلىدى ،بۇ ئالزېيمېر كېسىلىنى داۋالاشتىكى يېڭى ئىلگىرىلەشتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ دورىنى ئەلى لىلى شىركىتى ( Eli Lilly and Company ) تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ ،مەقسەت بىمارلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى ئاستىلىتىپ ،ئالجېمېر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كېلىش.

يېمەك-ئىچمەكتە «بەش قائىدە»نى ئەستە ساقلاش ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق

كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا، تۆۋەندىكى يېمەك-ئىچمەكئاساسىي تەلىپىنى ئەستە تۇتۇش كېرەك: