دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
27 تانە باھا سۆزى بار
4373 يازمىسى بار

ئۆپكىگە سۇ چۈشۈش

ئۆپكىگە سۇ يىغىلىپ قېلىش ئۆپكە توقۇلمىلىرىغا زىيادە كۆپ سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە يۈرەك كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

دائىم پۇت-قول ئۇيۇشۇش بەدەندىكى خەتەرلىك سىگنالمۇ؟

پۇت ـ قول ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش، كۆز تورلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشتا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بولۇپ، پەيدا بولغان ھامان چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بولۇپمۇ پۇت-قول ئۇيۇشۇش بەش خىل كېسەللىكتىن بېشارەت بېرىدۇ.

نېرۋا نەيچىسى تولۇق ئېتىلمەسلىك ( نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈكى )

نېرۋا نەيچىسى تولۇق ئېتىلمەسلىك يەنە نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈكى ( Neural tube defects, NTDs ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ ،ئۇ بىر خىل ئېغىر تۇغما نورمالسىزلىق بولۇپ ، ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسى ۋە يىلىكى يېتىلىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا يەنى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى 2-3 ئاي ئىچىدە يۈز بېرىدۇ. نېرۋا نەيچىسى تۆرەلمىدە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ( چوڭ مېڭە ۋە يىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) نى شەكىللەندۈرىدىغان قۇرۇلما بولۇپ، ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ 3 - ھەپتىسىدىن 4 - ھەپتىسىگىچە يېپىلىدۇ. ئەگەر نېرۋا نەيچىسى تولۇق يېپىلمىسا، نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى بىمارلىرىدا قان ئازلىق كۆرۈلۈشنىڭ سەۋەبى

سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى بىمارلىرىدا ئادەتتە ئاسانلا بۆرەك مەنبەلىك قان ئازلىق كۆرىلىدۇ، مۇھىمى قان ئازلىقنى قانداق تۈزىتىش كېرەك؟

سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى

سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولۇپ، ئادەتتە بۆرەك ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ تەخمىنەن %10 − %15 كە چۈشكەندە كۆرۈلىدۇ. بۆرەكنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى مېتابولىزملىق كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىش، بەدەندىكى سۇ ۋە ئېلېكترولىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەش ھەمدە بەزى ھورمۇنلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى يۈز بەرگەندە، بۇ ئىقتىدارلار كۆرۈنەرلىك زىيانغا ئۇچراپ، بەدەندىكى توكسىن ۋە كېرەكسىز ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى

سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولۇپ، ئادەتتە بۆرەك ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ تەخمىنەن %10 − %15 كە چۈشكەندە كۆرۈلىدۇ. بۆرەكنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى مېتابولىزملىق كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىش، بەدەندىكى سۇ ۋە ئېلېكترولىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەش ھەمدە بەزى ھورمۇنلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى يۈز بەرگەندە، بۇ ئىقتىدارلار كۆرۈنەرلىك زىيانغا ئۇچراپ، بەدەندىكى توكسىن ۋە كېرەكسىز ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قەھۋە يۈرەكنى قوغدىيالامدۇ؟

قەھۋە دۇنيادىكى بازىرى ئىتتىك ئىچىملىك، لېكىن قەھۋە «يۈرەككە زىيانلىق»، «ئاشقازان، ئۈچەيگە زىيانلىق»، «سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەندەك قاراشلار ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. ئىلگىرى «مەلۇم داڭلىق ماركىلىق قەھۋە راك پەيدا قىلغان» دېگەن خەۋەر چىققان، گەرچە ئەڭ ئاخىرىدا رەددىيە بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ خەۋەر كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدە يەنىلا مۇنداق بىر گۇماننى قالدۇردى: قەھۋە سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

كىلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟

ئادەتتە ئاياللارنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە كىرىش ۋاقتى 45 ياش بولىدۇ، نورمال ئەھۋالدا، كىلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى 2-3 يىل، يەنە ئۇزۇنراق بولغاندا 5-10 يىل بولىدۇ. شۇڭا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر يېشى 50-55 ياشقىچە بولغان بولسا، كىلىماكتېرىيە دەۋرى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ.

خامۇشلۇق كېسىلى ئادەمدە قانداق نورمالسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

گەرچە كەيپىياتى چۈشكۈنلىشىش، كۈنبويى بىئارام بولۇش خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئەڭ تىپىك ئالامىتى بولسىمۇ، ئەمما بۇلار پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشلا خالاس. خامۇشلۇق كېسىلى ئادەمنىڭ كەيپىياتى بۇزۇپلا قالماي، يەنە ئادەمدە باشقا نورمالسىزلىقنىمۇ پەيدا قىلىدۇ، بۇ كېسەلنىڭ قانداقلىقىنى پەقەت خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەملەرلا بىلىدۇ. خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا يەنە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئەيدىز كېسىلى ۋە تېرە ئۆزگىرىشىگە ئائىت بۇلارنى بىلەمسىز؟

ئەيدىز كېسىلى تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ئۆمۈرۋايەت ۋىرۇسىقا قارشى داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ، چۈنكى ھازىر ئۇنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ.