دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
29 تانە باھا سۆزى بار
4487 يازمىسى بار

سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى

سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولۇپ، ئادەتتە بۆرەك ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ تەخمىنەن %10 − %15 كە چۈشكەندە كۆرۈلىدۇ. بۆرەكنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى مېتابولىزملىق كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىش، بەدەندىكى سۇ ۋە ئېلېكترولىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەش ھەمدە بەزى ھورمۇنلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى يۈز بەرگەندە، بۇ ئىقتىدارلار كۆرۈنەرلىك زىيانغا ئۇچراپ، بەدەندىكى توكسىن ۋە كېرەكسىز ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى

سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولۇپ، ئادەتتە بۆرەك ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ تەخمىنەن %10 − %15 كە چۈشكەندە كۆرۈلىدۇ. بۆرەكنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى مېتابولىزملىق كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىش، بەدەندىكى سۇ ۋە ئېلېكترولىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەش ھەمدە بەزى ھورمۇنلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى يۈز بەرگەندە، بۇ ئىقتىدارلار كۆرۈنەرلىك زىيانغا ئۇچراپ، بەدەندىكى توكسىن ۋە كېرەكسىز ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قەھۋە يۈرەكنى قوغدىيالامدۇ؟

قەھۋە دۇنيادىكى بازىرى ئىتتىك ئىچىملىك، لېكىن قەھۋە «يۈرەككە زىيانلىق»، «ئاشقازان، ئۈچەيگە زىيانلىق»، «سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەندەك قاراشلار ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. ئىلگىرى «مەلۇم داڭلىق ماركىلىق قەھۋە راك پەيدا قىلغان» دېگەن خەۋەر چىققان، گەرچە ئەڭ ئاخىرىدا رەددىيە بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ خەۋەر كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدە يەنىلا مۇنداق بىر گۇماننى قالدۇردى: قەھۋە سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

كىلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟

ئادەتتە ئاياللارنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە كىرىش ۋاقتى 45 ياش بولىدۇ، نورمال ئەھۋالدا، كىلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى 2-3 يىل، يەنە ئۇزۇنراق بولغاندا 5-10 يىل بولىدۇ. شۇڭا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر يېشى 50-55 ياشقىچە بولغان بولسا، كىلىماكتېرىيە دەۋرى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ.

خامۇشلۇق كېسىلى ئادەمدە قانداق نورمالسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

گەرچە كەيپىياتى چۈشكۈنلىشىش، كۈنبويى بىئارام بولۇش خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئەڭ تىپىك ئالامىتى بولسىمۇ، ئەمما بۇلار پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشلا خالاس. خامۇشلۇق كېسىلى ئادەمنىڭ كەيپىياتى بۇزۇپلا قالماي، يەنە ئادەمدە باشقا نورمالسىزلىقنىمۇ پەيدا قىلىدۇ، بۇ كېسەلنىڭ قانداقلىقىنى پەقەت خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەملەرلا بىلىدۇ. خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا يەنە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئەيدىز كېسىلى ۋە تېرە ئۆزگىرىشىگە ئائىت بۇلارنى بىلەمسىز؟

ئەيدىز كېسىلى تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ئۆمۈرۋايەت ۋىرۇسىقا قارشى داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ، چۈنكى ھازىر ئۇنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ.

بويۇنغا يەل تۇرۇپ قېلىشنى داۋالاشتىكى ئەپچىل چارىلەرنى بىلەمسىز؟

بويۇنغا يەل تۇرۇپ قېلىش تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىدە ئىلگىرى بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، بوينىغا يەل تۇرۇپ قالسا بويۇن ھەم تېلىپ ھەم ئاغرىتىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا بېشىنى بۇراش، بېشىنى كۆتۈرۈش، بېشىنى تۆۋەن سېلىشمۇ تەسىرگە ئۇچراپ، تۇرمۇشقا ناھايىتى زور ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. يەل تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك ھەرگىز جىددىيلەشمەڭلار، تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئۇسۇل ئارقىلىق يەل تۇرۇپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان بىئاراملىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

نېيترال دانچە مۇتلەق سانى Neu#

نېيترال دانچە مۇتلەق سانى ( Absolute Neutrophil Count, Neu# ) قاندىكى نېيترال دانچىلىق ھۈجەيرە سانىنى باھالايدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ، ئادەتتە ھەر مىكرولىتىر ( L ) قاندىكى نېيترال دانچىلىق ھۈجەيرىنىڭ سانى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

ئوتتۇرىچە قان پلاستىنكىلىرى ھەجمى MPV

ئوتتۇرىچە قان پلاستىنكىلىرى ھەجمى ( Mean Platelet Volume ،MPV ) قاندىكى قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ھەجمىنى ئۆلچەيدىغان كۆرسەتكۈچ بولۇپ، ئادەتتە ( fL ) نى بىرلىك قىلىدۇ. ئوتتۇرىچە قان پلاستىنكىلىرى ھەجمى ( MPV ) قان پلاستىنكىلىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە پىشىش دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ ،ئۇ قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە ئىقتىدارىنى باھالاشتىكى مۇھىم پارامېتىر ھېسابلىنىدۇ.

قۇلاق ئاڭلىيالماسلىق

قۇلاق ئاڭلىماسلىق ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ياكى پۈتۈنلەي يوقىلىشىنى كۆرسىتىدۇ، كۆپ خىل كېسەللىك ياكى ئەھۋاللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.