دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
29 تانە باھا سۆزى بار
4487 يازمىسى بار

مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن دوۋساق ياللۇغىنىڭ پەرقى

مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن دوۋساق ياللۇغى ئوخشاشلا سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىشقا تەۋە بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ كېسەللىك پەيدا بولۇش سەۋەبى، كىلىنىكىلىق ئىپادىسى ۋە داۋالاش ئۇسۇلىدا ئوخشىشىپ كېتىدىغان جايلار بولغاچقا، نۇرغۇن كىشى بۇ ئىككىسىنى ئاسانلا ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار چېنىقىپ بېرىش كېرەكمۇ؟

بەزىلەر: «ھاياتلىق دېگەن ھەرىكەت ئارقىلىق داۋام ئېتىدۇ، چۈنكى ھەرىكەت قىلىش بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ، ئادەمنى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ» دەيدۇ. لېكىن يەنە بەزىلەر: «ھاياتلىق يەنە تىنچلىققا موھتاج، ياشانغانلارنىڭ بەدەن ساپاسى تۆۋەنلەپ كېتىدىغان بولغاچقا، چېنىققاندا بەدەننىڭ زەخىملىنىشى ياكى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا قېرىغاندا ئۆزىنى ئاسراپ بەدەننى چارچىتىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. ھۇزۇر ھالاۋەت ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ھېسابلىنىدۇ» دەيدۇ. بۇ ئىككى خىل قاراش قارىماققا ناھايىتى ئورۇنلۇقتەك قىلىدۇ، سىزنىڭچە زادى كىمنىڭ دېگىنى توغرا؟

بەدەندىكى ھۆللۈك ئېشىپ كېتىشنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى

1- بەدەندە ھۆللۈك ئېشىپ كەتسە، باش قېيىپ، بەدەن ئېغىرلىشىپ بىئارام بولىدۇ، خۇددى بەدىنىنى ئېغىر نەرسە بېسىۋالغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئاز قىزىپ سوغۇق شامالدىن قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

تېرە قىزىرىش

تېرە قىزىرىش تېرە يۈزىدە قىزىل داغ ياكى رايون پەيدا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بەلكىم كۆپ خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى، يۇقۇملىنىش، ياللۇغلىنىش قاتارلىقلار. ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش، تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ھەمدە داۋالاش ئۇسۇلى بۇ خىل ئەھۋالنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.

ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ قىزىل قان ئاقسىلى ( ھېموگلوبىن ) قويۇقلۇقى MCHC

ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ قىزىل قان ئاقسىلى ( ھېموگلوبىن ) قويۇقلۇقى ( Mean Corpuscular Hemoglobin Concentration ،MCHC ) ھەر بىر بىرلىك قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ھەجىمى ئىچىدىكى ھېموگلوبىن مىقدارىنى ئۆلچەيدىغان كۆرسەتكۈچ بولۇپ، گرام ھەر دېتسىلىتىر ( g/dL ) نى بىرلىك قىلىدۇ. MCHC قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھېموگلوبىننىڭ قويۇقلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ .

قان ئانالىزى ۋە سېنترىفۇگ ماشىنىسى رەسىملىك كۆرۈنۈشى

سېنترىفۇگ خىزمەت پىرىنسىپى ئاساسىدا مەركەزدىن قېچىش كۈچى قوللىنىلىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، سېنترىفۇگ يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلانغاندا، ئەۋرىشكىدىكى ئوخشاش بولمىغان تەركىبلەر مەركەزدىن قېچىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە زىچلىق پەرقىگە ئاساسەن ئايرىلىپ چىقىدۇ. زىچلىقى بىر قەدەر چوڭ تەركىبلەر سىرتقا يەنى پروبىركىنىڭ تۆۋەن قىسىمىغا چۆكىدۇ، زىچلىقى بىر قەدەر كىچىك تەركىبلەر مەركەزگە ئىتتىرىلىدۇدە پروبىركىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا قالىدۇ.

گاچا

گاچا نورمال ئاۋاز چىقىرالمايدىغان ياكى گەپ قىلالمايدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ، سۆزلىيەلمەسلىك كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى (ھېموگلوبىن) MCH

ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى ( Mean Corpuscular Hemoglobin ،MCH ) ھەر بىر قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى قىزىل قان ئاقسىلى (يەنى ھېموگلوبىن)نىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارى كۆزدە تۇتىدۇ ۋە ئادەتتە پىكوگرام ( pg ) نى بىرلىك قىلىدۇ. ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى ( MCH ) قان ئازلىقنىڭ تىپى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىنى باھالايدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىر ھېساپلىنىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشتىن ئالدىنى ئېلىش مۇھىم

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ داۋالاشتىن يۇقۇشى ئاساسلىقى، داۋالاش سايمانلىرى پاكىز بولمىغانلىقتىن، داۋالانغۇچىلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىنى كۆرسىتىدۇ.

تېرە ئەسۋىسى

تېرە ئەسۋىسى تېرىدە كۆرۈلگەن قىزىل داغ، دۆڭچە ئەسۋە، سۇلۇق قاپارتما، تۈگۈنچە قاتارلىق بىنورمال ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بەلكىم كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، بۇ زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى، يۇقۇملىنىش، دورىنىڭ ئەكس تەسىرى، ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش، تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ھەمدە داۋالاش ئۇسۇلى بۇ خىل ئەھۋالنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.