دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
29 تانە باھا سۆزى بار
4487 يازمىسى بار

ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى MCV

ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى ( Mean Corpuscular Volume ،MCV ) قاندىكى ھەر بىر قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ھەجمى بولۇپ، ئادەتتە  fL نى بىرلىك قىلىدۇ. ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجمى ( MCV ) قان ئازلىق تىپى ۋە يىلىك ئىقتىدارىنى باھالايدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ.

ئەما

ئەمالار پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يوقاتقان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندىكىسى غەرب تېبابىتى نۇقتىسىدىن ئەمالارنىڭ سەۋەبى، تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى بەزى مەزمونلار:

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 10 ساۋات

1. ئەيدىز ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى يۇقۇملۇق كېسەل. ھازىرغىچە ئۇنى ساقايتىدىغان دورا ۋە داۋالاش ئامالى تېپىلمىدى، لېكىن ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

يۇقىرى قىزىتما

يۇقىرى قىزىتما بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە 38 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. ئۇ بەلكىم كۆپ خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، يۇقۇملىنىش، ياللۇغ، دورا رېئاكسىيەسى قاتارلىقلار. ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش، تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ھەمدە داۋالاش ئۇسۇلى بۇ خىل ئەھۋالنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى Hct

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى ( Hematocrit ،Hct ) قاندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەجىم نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ قاندىكى قويۇقلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇ قان ئازلىق ۋە قاننىڭ قويۇقلۇقىنى باھالاشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمىنىڭ نورمال دائىرىسى جىنسى، يېشى ۋە يەككە تەن پەرقىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمىنى ئۆلچەش ئارقىلىق، دوختۇر بىمارنىڭ قېنىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ نىسبىتىنى ئىگىلەپ، قان ئازلىق، سۇسىزلىنىش، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش كېسىلى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بار - يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ. بۇ ھەر خىل قان كېسەللىكلىرى ۋە پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى كۆزىتىشتە مۇھىم كلىنىكىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە.

قان تەكشۈرۈش ئىچىدىكى ھەرقايسى تۈرلەر ۋە نورمال قىممىتى

قان تەكشۈرۈش بەزىدە قاننى قائىدىلىك تەكشۈرۈش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ تەكشۈرۈش ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ۋە ئەڭ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن تەكشۈرۈشلەرنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ، بۇ ئارقىلىق بەدەندە قان ئازلىق بار يوقلۇقىنى، ياللۇغ بار يوقلۇقىنى ، قان ئۇيۇشۇش ئەھۋالى دەسلەپكى قەدەمدە بىلگىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا كېلىن چۈشەنچىسى

ئائىلە جەمىئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى.ئۇ بەلگىكىك دائىرىدىكى ئۇرۇق–تۇغقانچىلىقتىن قۇرۇلغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىرلىكى بولۇپ،بۇنداق ئۇرۇق تۇغقانچىلىق مۇ ناسىۋىتى نىكاھ بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن پەيدا بولغان.بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى،نىكاھ ئائىلىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.دېمەك،نىكاھ ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئورتاق گەۋدىدىن ئائىلە جەمەتى بارلىققا كېلىدۇ.

قول نېمە ئۈچۈن تىترەيدۇ؟

ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن: «قولۇم نېمىشقا تىترەيدۇ؟ مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟» دېگەندەك سۆزلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ كىشىلەر ئاساسلىقى ئۇزاق مەزگىل كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىزمەتچىلەر، ياشلار-ئۆسمۈرلەر، ياشانغانلارمۇ بار، ھەقىقەتەن قېرى-ياش ھەممەيلەندە بار دېيىشكە بولىدۇ.

ئۇيقۇ دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرەلەمدۇ؟

ئالزېيمېر كېسىلى (AD) يوشۇرۇن تەرەققىي قىلىدىغان نېرۋا سىستېمىسى چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك. كىلىنىكىدا ئەستە تۇتۇش توسالغۇسى، سۆزلىيەلمەسلىك، بىر نەرسىلەرنى ئىشلىتەلمەسلىك، تونۇيالماسلىق، كۆرۈش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ھەمدە خاراكتېر ۋە ھەرىكەت ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئومۇميۈزلۈك دېۋەڭلىكنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدىلىك قىلىنىدۇ، كېسەللىك سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.

تىل ئۇيۇشۇش

1. نېرۋا زەخىملىنىش باش قىسمى زەخىملىنىش، سەكتە، كۆپ ئورۇندا پەيدا بولىدىغان قېتىشىش قاتارلىق نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ ھەممىسى تىل نېرۋىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، تىل ئۇيۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.