ئاياللارنى چۈشىنەمسىز ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا دېققەت قىلىڭ ، سىزنىڭ ئاياللارنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردىمى تىگىپ قالغۇسى

ئاياللارنى چۈشىنەمسىز ؟

1 . ئاياللارنىڭ كۈچى چىدامچانلىقتا ئىپادىلىنىدۇ .

ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى خىمىيىلىك تەركىب ئەرلەرنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ . ئادەتتە ئاياللارنىڭ بەدىنىدە ماي ماددىسى كۆپ ، مۇسكۇللار ئازراق بولغانلىقتىن ، ئاياللارنىڭ چىدامچانلىقى ئەرلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ . مەسىلەن ، يېشى ، سالامەتلىكى ئوخشاش بولغان ئەر – ئايال ئۇزۇنغا يۈگۈرگۈچىنىڭ ئىچىدە ئايال گەرچە ئەردەك تېز يۈگۈرەلمىسىمۇ ، لېكىن ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇزاقراق يۈگۈرەلەيدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى ئادەم يۈگۈرۈش جەريانىدا بەدىنىدىكى گلىكوگېن ماددىسى تەمىنلىگەن » يېقىلغۇ » غا ئايلىنىدۇ .

لېكىن ، گلىكوگېن ماددىسى تەمىنلىگەن » يېقىلغۇ » چەكلىك بولغاچقا ، بەدەندىكى ماينىڭ داۋاملىق » يېقىلغۇ » بولۇپ بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ . كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى دەپۈس مەكتىۋىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار تەكشۈرۈشلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە ، ئاياللارنىڭ تېنىدە 25 پىرسەنت ماي ماددىسى ، ئەرلەرنىڭ تېنىدە 15 پىرسەنت ماي ماددىسى بولىدىكەن . شۇڭا ، گلىكوگېن ماددىسى تەمىنلىگەن » يېقىلغۇ » ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاياللار ئۇزۇن ۋاقىتقىچە بەدىنىدىكى ماي ماددىسى تەمىنلىگەن » يېقىلغۇ » دىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ تولۇپ – تاشقان جىسمانىي ، مەنىۋىي كۈچىنى ساقلاپ قالالايدىكەن .

بىراق ، ئەرلەر بولسا ئاسانلا ھېرىپ قالىدىكەن . ئامېرىكىلىق بىر جۈپ ياش ئەر – ئايال بولۇپ ، ئېرى دائىم : » ئايالىم بەك ئاجىز ، شامال چىقسىمۇ ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالىدۇ ، ھەتتا مۇراببا قۇتىسىنىڭ ئاغزىنىمۇ ئاچالمايدۇ ، بازاردىن نەرسە – كېرەك سېتىۋالغاندا ، مەن بولمىسام نەرسىلەرنى ماشىنىغىمۇ سالالمايدۇ …….. » دەيدىكەن . بىر يەكشەنبە كۈنى ئۇلار شەھەر سىرتىغا چىقىپ مۇز تېيىلىپ ئوينىغان . ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئېرى ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ، كرېسلوغا ئۆزىنى تاشلىغىنىچە ئولتۇرۇپ قالغان . لېكىن ، ئايالى بولسا كەچلىك تاماقنى ئېتىپ ، تاتلىق تۈرۈملەرنى پىشۇرۇپ ئارام ئالماي ئىشلەپ كەتكەن . ئېرى تاماقنى يەپ بولۇپلا ئۇخلاپ قالغان . لېكىن ئايالى پوپايكا توقىغاچ تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان . ئازراقمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمىغان . ئېرى بۇنىڭدىن ئەجەپلىنىپ ، ئايالىم ئادەتتە يالغاندىن ئاجىز قىياپەتكە كىرىۋېلىپ مېنى ئىشقا سالىدىغان ئوخشايدۇ ، دەپ ئويلاپ قالغان .

ئەمىلىيەتتە ئۇ ئاياللارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنىڭ باشقىچە شەكىلدە ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەن .

2 . ئاياللار بىۋاستە سىزىمغا تايىنىپ شەيئىلەرنى كۈزىتىشكە ماھىر بولىدۇ .

ئادەتتە سول مېڭىسى تىل ئىقتىدارىنى ، ئوڭ مېڭىسى كۆرۈش سەزگۈ قابىلىيىتىنى تىزگىنلەيدۇ . قىزلارنىڭ سول مېڭىسى ئوغۇللارنىڭكىگە قارىغاندا تېز تەرەققى قىلىدۇ ، ئوغۇللارنىڭ ئوڭ مېڭىسى قىزلارنىڭكىدىن بالدۇر يېتىلىدۇ . شۇڭا ، قىزلارنىڭ سۆز ، يېزىقچىلىق قابىلىيىتى ئوغۇللارنىڭكىدىن يۇقۇرى بولىدۇ .

ياش قۇرامىغا يەتكەن ئەر – ئاياللارنىڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ پەرقىمۇ ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ . ئەرلەر كىتاب ئوقۇغاندا ئاساسەن سول مېڭىسىنى ئىشلىتىدۇ . خەرىتە ئارقىلىق بىرەر جاينى ئىزدىگەندە ئوڭ مېڭىسىنى ئىشلىتىدۇ . لېكىن ، ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئىشنى بۇنداق بۆلۈۋالمايدۇ . كۆرۈش سەزگۈسى قابىلىيىتىنى تىزگىنلەيدىغان ئوڭ مېڭىسى تىل قابىلىيىتىنىمۇ تىزگىنلەيدۇ .

تىل قابىلىيىتىنى تىزگىنلەيدىغان سول مېڭىسى كۆرۈش سەزگۈسىنىمۇ تىزگىنلەيدۇ . شۇڭا ، ئاياللار بىرلا ۋاقىتتا چوڭ مېڭىنىڭ ئىككى بۆلىكىدىن تەڭ پايدىلىنىپ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ . بۇ بىر خىل بىۋاستە سەزگۈنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ پىكىر قىلىش ئىقتىدارىدۇر . شۇڭا ، ئاياللار باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەندە قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى زېھىن قويۇپ بىلەن ئاڭلاش بىلەن بىرگە ، سۆزلىگۈچىنىڭ ھېسسىياتى ، كىيىنىشى ، ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى كۈزىتىپ تۇرىدۇ . باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەندە سۆزلىگۈچىنىڭ ئويلىغىنى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشاش ئەمەسلىكىنى بىلىۋېلىشتا ئاياللار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ .

3 . ئاياللار ئۆزىنىڭ ئائىلىدىكى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئورنىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ .

ئاياللار ئېرى بىلەن جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇشنى ئويلايدۇ . ئەر – ئاياللار ھېسسىياتىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ . بىراق ، نۇرغۇنلىغان ئەرلەر ئايالى بىلەن بولغان ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا سەل قارايدۇ .

ئاياللارنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى —— ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت ، كۆيۈنۈش ، ئىللىقلىق ، مۇھەببەتتۇر !

مەنبە : » ئاياللار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار » ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-09-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 12:12:17

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ