ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتمەخپىي رىتسىپلارباش ئاغرىقىنى داۋالاش ئۇسۇلى

باش ئاغرىقىنى داۋالاش ئۇسۇلى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى: باش ۋە پىشانە سوغۇق بىلىنىدۇ، ئىسسىق ھاۋا ياكى ئوتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاندا ۋە ياكى ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە ئاغرىق پەسىيىدۇ.

رېتسىپ 60 گرام پىننە ۋە مۇۋاپىق مىقداردا ئارپا ئۇنى تاييارلاپ پىننىنى يۇمشاق سوقۇپ، ئارپا ئۇنى بىلەن مەلھەم ياساپ، ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا پېشانىگە چىپىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى: باش ۋە پېشانە ئىسسىق بىلىنىدۇ، بۇرۇن ۋە گال قۇرۇيدۇ. كۆپ ئۇسسايدۇ. سوغۇق نەرسىلەرنى ئېستىمال قىلغاندا ياكى سوغۇق ھاۋاغا ئۇچراشقاندا ئاغرىق پەسىيىدۇ.

1-رېتسىپ بىر دانە خام قاپاق، مۇۋاپىق مىقداردا تەمرى ھىندى بىلەن شېكەر تەييارلاپ، خام قاپاقنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، پىسىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، تەمرى ھىندى ۋە شېكەر بىلەن بىللە قاينىتىپ، سۈيىنى كۈندە ئىككى قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2- رېتسىپ 50 گرام كۆك يۇمغاقسۈتنى ۋە مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇنى تەييارلاپ، يۇمغاقسۈتنى پاكىز يۇيۇپ، ئېزىپ ئاچچىقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، مەلھەم قىلغاندىن كېيىن، پېشانە ياكى چېكىگە مۇۋاپىق مىقداردا چېپىپ بەرسە ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

جەۋھەر رېتسىپلاردىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:11:31

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ