سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بويۇنغا يەل تۇرۇپ قېلىش تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىدە ئىلگىرى بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، بوينىغا يەل تۇرۇپ قالسا بويۇن ھەم تېلىپ ھەم ئاغرىتىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا بېشىنى بۇراش، بېشىنى كۆتۈرۈش، بېشىنى تۆۋەن سېلىشمۇ تەسىرگە ئۇچراپ، تۇرمۇشقا ناھايىتى زور ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. يەل تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك ھەرگىز جىددىيلەشمەڭلار، تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئۇسۇل ئارقىلىق يەل تۇرۇپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان بىئاراملىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.
1. ئىسسىق ئۆتكۈزۈش
تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولغان ئىسسىق سۇ خالتىسىنى بويۇنغا قويۇپ بەرسە، بويۇن ئىسسىيدۇ، بويۇن قان تومۇرلىرىنىڭ قان ئايلىنىش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ، بويۇن مۇسكۇل توقۇلمىلىرىنىڭ ھاردۇقى چىققاندىن كېيىن، ئاغرىق ئاستا-ئاستا توختايدۇ، بىر مەزگىل ئىسسىق ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن بويۇننىڭ جانلىقلىقى كۈچىيىدۇ. لېكىن ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە چوقۇم سۇ خالتىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا دىققەت قىلىش، ھەرگىزمۇ بەك قىزىق ئىسسىق سۇ خالتىسى ياكى ئىسسىق لۆڭگە ئىشلەتمەسلىك، تېرىنى كۆيدۈرۈۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2. ئۇۋۇلاش
ئۇۋۇلىغاندا ئاغرىق نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، باسقاندا ئاغرىيدىغان ئورۇننى بويلاپ ئاستا-ئاستا ئۇۋۇلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك، ئاغرىق نۇقتىسىنى باسقاندا تېلىپ چىڭقالغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، بۇ كۈچنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ كۈچ بىلەن ئاغرىق نۇقتىسىنى باسقان ئورۇننى بىر مەزگىل قايتا-قايتا ئۇۋۇلاپ، ئاندىن كاۋاك مۇشت بىلەن ئاغرىق نۇقتىسىنىڭ ئورنىنى يېنىك چېكىپ، ئىككى-ئۈچ قېتىم تەكرارلىغاندىن كېيىن، بويۇندىكى مۇسكۇل توقۇلمىلىرى بوشاپ، ئاغرىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.
3. يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش
يەل تۇرۇپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان ئاغرىق سېزىمى چىدىغۇسىز دەرىجىگە يەتسە، بىمار مۇنتىزىم دوختۇرخانىنىڭ جۇڭيى بۆلۈمىگە بېرىپ يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك، چۈنكى يىڭنە سانجىپ داۋالاشتا پەللىلەرنىڭ ئورنىغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئىنتايىن توغرا بولغاچقا، كەسپىي خادىملارنى يىڭنە سانجىپ داۋالاشقا ياردەملىشىشكە تەكلىپ قىلىش كېرەك.
4. دورا
بويۇنغا يەل تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ئاغرىق توختىتىش مەلھەمنى چاپلاپ ئاغرىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، قىزىل گۈل مېيى بىلەن ئاغرىغان ئورۇننى ئۇۋۇلاپ بەرسە، دورا بويۇندىكى تېرە توقۇلمىلىرىغا سىڭگەندىن كېيىن، مۇسكۇل توقۇلمىلىرىغا سالقىنلىق ھېس قىلدۇرۇپ، قاننى جانلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ بىر تەرەپتىن ئۇۋۇلاپ، بىر تەرەپتىن قاننى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ.
يۇقىرىقى تۆت خىل ئۇسۇل يەل تۇرۇپ قالغاندىن كېيىنكى ئاغرىقىنى پەسەيتىشىگە ياردەم بېرىدۇ، بىراق يەل تۇرۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پەقەت ئادەتتە ئۇخلىغاندا ئۇخلاش قىياپىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك، مۇۋاپىق ياستۇقنى ئىشلەتكەندىلا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ئادەتتە ئۇزۇن ۋاقىت بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يانفون، كىتاب كۆرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا بويۇن زىيادە چارچاپ بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇرمۇشقا زۆرۈر بولمىغان ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17907603.shtml