
1 . ئەتىگەندە ۋە كەچتە ئىككى پىيالە قايناق سۇ ئىچىش .
2 . بىر تابلىتكا بىرىكمە ۋىتامىن ئىچىش . ئەگەر يېشى 30 ياشتىن ئاشقان بولسا ، قېرىشنى كىچىكتۈرۈش ئۈچۈن ۋىتامىن E , C نى چوقۇم تۇللۇقلاش لازىم .
3 . ئاچچىقسۇ ئىچىش . ﮬەر كۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقتا ئاچچىقسۇ ئىستىمال قىلىنسا ، قان تومۇر قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
4 . بىر پىيالە قېنىق چاي ئىچىش . سۈتنىڭ كالسىتىي تۇللۇقلاش ئۈنىمى ﮬەر قانداق بىر يېمەكلىكتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . بولۇپمۇ ئادەم بەدىنى قېتىقنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ . شۇڭا ، ئاياللار كۈندە بىر – ئىككى پىيالە قېتىق ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم .
5 . بىر پۇتۇلكا مىنېرال سۇ ئىشلىتىش . يۈزنى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ، سۇغا بىر پارچە پاكىز داكىنى چىلاپ ، ئاندىن يۈزگە يېپىش ، داكا قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، يەنە داكىنى ﮬۆللەپ شۇ يۇسۇندا قايتا داۋاملاشتۇرۇش كېرەك . بۇ يۈزگە بىر قېتىملىق مىكرو ئېلمېنىت ئۇزۇقلىغى توللۇقلىغانغا باراۋەر بولىدۇ .
6 . بىر دانە پەمىدۇر يېيىش . مىۋە – چىۋە ۋە كۆكتاتلار ئارىسىدا پەمىدۇرنىڭ ۋىتامىن تەركىۋى ئەڭ يۇقرى . كۈندە بىر دانە پەمىدۇر يەپ بەرسە ، بىر كۈندە ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن C نى توللۇقلىغىلى بولىدۇ .


