دوختۇرلار تورى

تەن ساقلىق زور بايلىق

ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملارنى بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ دېگەندە 20 مىنۇتلا ئويناش لازىم

بالىلار ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملارنى ئوينىغاندا ، چوقۇم چەكلىمىسى بولۇشى، ھەر 20 مىنۇتتا چوقۇم ئازراق دەم ئېلىشى لازىم

دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە ، Ipad كە ئوخشاشئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملارنىڭ رەڭگى بەكلا ئوچۇق بولۇپ ، بالىلارنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدىكەن ، ئەمما بۇ بالىلارنىڭ كۆزىگە زىيانلىق ئىكەن .

كۆز چارچايدۇ : بالىلارIpad تىكى سۈرەت ، خەت ، رەقەملەرنى ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن ، چوقۇم كىرپىكسىمان مۇسكۇلىنى دائىم ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆز چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئاسانلا يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالىدۇ : ئېلېكتىرونلۇق ئېكران بىۋاستە يورۇقلۇق مەنبەسىگە تەۋە بولۇپ ، يۇقىرى چاستوتىنىڭ تەكرار چاقنىشى كىرپىكسىمان مۇسكۇلنى غىدىقلاپ جىددىي ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ-دە، كرىستال لىنزا ھەددىدىن زىيادە ئېگىلىپ ، ئۇزاق مۇددەت كۆزنى ئىشلەتكەندە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

كۆز قۇرغاقلىشىپ ياللۇغلىنىدۇ : Ipad كە ئۇزاق مۇددەت قادىلىپ ئولتۇرغاندا ، كۆزنى چىمچىقلىتىش قېتىم سانى ئازلاپ ، ياش سۇيۇقلۇقىنىڭ پارغا ئايلىنىشى تېزلاپ ئاجرالما ئازلايدۇ-دە ، كۆز ئاسانلا قۇرغاقلىشىپ ئارامسىزلىنىدۇ. ھەمدە بۇ ۋاقىتتا بالا قولى بىلەن كۆزنى ئۇۋۇلاشقا ئامراق بولغاچقا، كۆزنىڭ قىزىرىپ ، ياللۇغلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-04-18

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2021-03-28 / 08:03:00

سەمىمىي ئەسكەرتىش
بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

نۇر دوختۇر Doctor Nur
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,663FansLike
697FollowersFollow
1,870SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر