ساغلاملىق زور بايلىق
ساغلاملىق زور بايلىق

يازدا بالىدىن خەۋەر ئېلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى

ئانىلار يازدا بالا باقماق ئاسان ، كىيىم كەيدۈرۈشمۇ تەس ئەمەس ، قىش كۈنلىرىگە ئوخشاش ئاسان زۇكام بولۇپ قالمايدۇ دەپ قارايدۇ ، ئەمەلىيەتتە يازدا بالابېقىشمۇ ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس

تۆۋەندە يازدا بالا بېقىشتىكى بىر نەچچە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىڭ.

1. بالىلار يۈگۈرۈپ ئويناشتىن بۇرۇن تىزلىق كىيدۈرۈپ قويۇش كېرەك.

كەپسىز بالىلار ياز كىرىشى بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ‹‹ دىققەت قىل ، ئاستا يۈگۈر›› دېگەن سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماي ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئويۇنغا بېرىلىپ كېتىدۇ ، ئويناش جەريانىدا يىقىلىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ ، بىراق يىقىلىپكەتكەندە ئەڭ ئاسان زەخمىلىنىدىغان جاي تىز بولۇپ ، بۇ جاينىڭ ساقايمىقىمۇ ئاسان ئەمەس . يازدا بالىلاردا ئۇزۇن ئىشتان كىيدۈرۈپ قويغىلى بولمايدۇ ، شۇڭا ئىمكان بار بالىلارغا ئويناشتىن بۇرۇن تىزلىق كىيدۈرۈپ قويۇش كېرەك.

2 . بالىلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاستىغا لۆڭگە سېلىپ قويۇش كېرەك.

يازدا بالىلار كۆپ تەرلەيدۇ ، بولۇپمۇ ئۇخلىغان ۋاقتىدا بەكرەك تەرلەيدۇ ، ئەگەر بالا بىرلا شامالداپ قالسا زۇكام بولۇپ قالىدۇ ، شۇڭا بۇ ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بالا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاستىغا لۆڭگە قويۇپ قويغاندا لۆڭگە تەربى سۈمۈرۈۋالىدۇ.

پاشا چاققان جايغا سوپۇن سۈرۈش.

ياز كۈنلىرى بالىلارنى ئاسانلا پاشا چېقىۋالىدۇ ، بۇ چاغدا پاشا چاققان ئورۇنغا سوپۇننى سۈركەپ قويساق قىچىشىشنى پەسەيتىدۇ . قانچە بالدۇر سۈركەپ قويساق ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ .

سەمىمىي ئەسكەرتىش


  1. بىكەتتىكى مەزمونلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما 100 دە 100 لىق دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كېسەل ئالامىتى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم، دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  2. ياكى تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى قوللاپ، ئۇيغۇرنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قوغدىشى، قىممىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك. بىكەتتىكى ھەربىرماقالە دوختۇرلىرىمىزنىڭ كىچە كىچە ئولتۇرۇپ، ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىلغان، قان تەرىگە كەلگەن ئەمگەك مىۋىسىدۇر . ئەگەر سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئەسلى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://www.dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,184FansLike
163FollowersFollow
1,500SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار