مېنېرال ماددا بورنىڭ ئارخىپى
ئېلېمېنت بەلگىسى:B
تۈرى: مىكرو ئېلېمېنت
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: بور كىشىلەر خېلى بۇرۇنلا تەتقىق قىلغان ئېلېمېنت بولۇپ، نۇرغۇن دەلىللەر ئۇنىڭ خېلىلا ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئېلېمېنت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئادەم بەدىنىگە كىرگەن بور بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىغا كەڭ تارقىلىدۇ، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى بوغۇملارنىڭ ساغلاملىقىغا نىسبەتەن مۇھىم تەسىرگە ئىگە.
ئاساسلىق رولى: مۇسكۇللارنى كۈچەيتىشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددا، بولۇپمۇ تەنھەركەتچىلەر بور تولۇقلاپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىشى لازىم.
بوغۇملارنىڭ ساغلاملىقىنى، سۆڭەكنىڭ زىچلىقىنى ساقلايدۇ. سۇنۇقنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىدۇ.
ھەيز توختاپ قالغاندىن كېيىنكى ئاياللاردا كالىتسىينىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ساقلاش، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئوبدان ئۈنۈمگە ئىگە.
ئەرلەردىكى تېستوستېروننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىش مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، ئەرلىك جىنسىي ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.
رېماتىزمىلق بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرىنى يەڭگىللىتىدۇ.
مېڭىنىڭ فۇنكىسىيىسىنى ياخشىلاپ، ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى
بور سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقى ۋە بەدەندىكى كالىتسىي، فوسفور، ماگنىينىڭ نورمال ماددا ئالمىشىشىنى ساقلاشتا زۆرۈر لازىملىق مىكرو ئېلېمنېتلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا مۇسكۇللارنىڭ نورمال ئۆسۈشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددا. ئادەم بەدىنىدە بور يېتىشمىگەندە مۇسكۇللارنىڭ ئۆسۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بورنىڭ يېتىشمەسلىكى ۋىتامىن D نىڭ يېتىشمەسلىكىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ.
تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى
سۆڭىكى سۇنغانلار: بور سۆڭەكنىڭ زىچلىقىنى ساقلايدىغانلىقى، سۇنۇقنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق كىشىلەر دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بور تولۇقلىسا بولىدۇ.
رېماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار: بور رېماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يەڭگىللىتىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بور ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
ياشانغانلار ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار: كۈنىگە ئۈچ مىللىگرام بور ئىستېمال قىلسا، كالتسىينىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىكى، ھەيز توختاپ كەتكەندىن كېيىنكى ئاياللار: ئەگەر ھەيز توختاپ كەتكەندىن كېيىن بور ئوكۇل قىلىنسا، كالتسىي ۋە ماگنىينىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئازايتقىلى ھەمدە ئېستروگېن (كۈيلەتكۈچى ھورمۇن) نىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئاشۇرغىلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆڭەكتىكى كالىتسىينى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئىستېمال قىلىش مىقدارى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بولسا بولىدۇ.
يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى
سېرىق پۇرچاق، قارىئۆرۈك قېقى، كىشمىش، ئۆرۈك مېغىزى، خاسىڭ، ئورمان ياڭىقى، چىلان، ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق ئۆسۈملۈك مەنبەلىك يېمەكلىكلەر.
مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى
كۆڭلى ئېلىشىدۇ، قۇسىدۇ، ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ.
ئېغىر بولغاندا بوردىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۆرەك، مېڭە، جىگەر قاتارلىق كۆپ ئەزالاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
بور ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە مەۋجۇت بولمىغانلىقتىن ئۇنى كۆپىنچە مېۋە-چېۋە، كۆكتات، دانلىق ئاشلىق ۋە قارا ئاشلىقتىن قوبۇل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنچىكە پىششىقلانمىغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرى ئىشلىتىلسە ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
كۈندىلىك ئىستېمال قىلىش مىقدارى
بورنىڭ كۈندىلىك ئىستېمال قىلىنىش مىقدارى توغرىسىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم يوق، ئادەتتە بورنىڭ كۈنلۈك ئىستېمال قىلىنىش مىقدارى ئۈچ مىللىگرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم دەپ قارىلىدۇ.
مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى