دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
29 تانە باھا سۆزى بار
4479 يازمىسى بار

قان ۋە قۇۋۋەتنى تېز تولۇقلاشنىڭ توغرا ئۇسۇللىرىنى بىلىۋېلىڭ

ھازىرقى زامان تۇرمۇشىنىڭ تېز رېتىمى، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېشىشى ۋە تەرتىپسىز ئوزۇقلىنىش ئادىتى نۇرغۇن كىشىلەرنى «قان ۋە قۇۋۋەت يېتىشمەسلىك» مەسىلىسىگە دۇچار قىلماقتا. دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىش، چىراي تاتىرىش، باش قېيىش، كۆز تورلىشىش ۋە تىنىقى قىستاش قاتارلىق ئالامەتلەر بەدەننىڭ بىر خىل ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇپ، بۇ بەدەندىكى قون ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ زاپاس مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. قان تولۇقلاش پەقەت بىر خىل يېمەكلىك يېيىشلا ئەمەس، بەلكى بەدەننىڭ قان ھاسىل قىلىش سىستېمىسىنى جانلاندۇرۇش جەريانىدۇر.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا يانپاش بوغۇم ئۇلترائاۋاز دولقۇنى تەكشۈرۈشىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ۋاقتى

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى يانپاش بوغۇمىنىڭ تۇغما يۆتكىلىشىنى بالدۇر بايقاش ۋە ئۇلترائاۋاز دولقۇنى تەكشۈرۈشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە تىببىي مەسلىھەتلەر.

ھەيز مەزگىلىدە نېمە ئۈچۈن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ؟

ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش نېمە ئۈچۈن خەتەرلىك؟ يۇقۇملىنىش، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى مەسىلىلىرى ۋە تۇغماسلىق خەۋپى ھەققىدە تىببىي تەھلىللەر.

بوۋاقلارنىڭ تەرەققىياتى: 3-6 ئايلىق بوۋىقىڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر

بوۋىقىڭىزنىڭ تۇنجى بىر نەچچە ھەپتىسى ئاساسەن يېيىش ۋە ئۇخلاش بىلەن ئۆتكەن بولسا، 3-6 ئايلىق مەزگىل ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدە «ئويغىنىپ»، دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىشقا باشلايدىغان ئالتۇن دەۋرىدۇر. بۇ مەزگىلدە، سىز ئۇنىڭ ھەر كۈنى يېڭى بىر ماھارەتنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى، كىچىككىنە شەخسىيىتىنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالىسىز.

«قورساق ۋاقتى» : بوۋىقىڭىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئويۇن

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچە ۋاقتى ياتىقىدا يېتىش بىلەن ئۆتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما، بوۋاقلارنىڭ ئويغاق ۋاقتىدا، نازارەت ئاستىدا قورسىقىنى بېسىپ يېتىشى، يەنى «قورساق ۋاقتى» دەپ ئاتالغان بۇ ئاددىي پائالىيەت، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق دەرىجىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئادەم 30 ياشتىن كېيىن نېمە ئۈچۈن ئاسان سەمىرىپ كېتىدۇ؟

30 ياشتىن كېيىن نېمە ئۈچۈن سەمىرىپ كېتىمىز؟ روھىي بېسىم، ھورمۇن ئۆزگىرىشى، مېتابولىزمنىڭ ئاستىلىشى ۋە ئۇيقۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا بولغان تەسىرى ھەققىدە تەھلىل

دائىم پۇت توڭلاش نېمە سەۋەپتىن بولىدۇ؟

دائىم پۇت توڭلاش قان ئايلىنىش، قان ئازلىق ياكى قالقانسىمان بەز مەسىلىلىرىدىن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ماقالىدە پۇت توڭلاشنىڭ تىببىي سەۋەبلىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرىمىز.

قىزلار بىلىشكە تېگىشلىك جىنسىيەت بىلىملىرى

قىزلار بىلىشكە تېگىشلىك ئاساسىي جىنسىيەت بىلىملىرى، فىزىئولوگىيىلىك قۇرۇلما، قىزلىق پەردىسى ھەققىدىكى ھەقىقەتلەر ۋە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇللىرى ھەققىدە قوللانما.

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئوزۇقلۇقتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى زامانىۋى جەمئىيەتتە «جىمجىت قاتىل» دەپ ئاتىلىدىغان، يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇر ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكتۇر. تىببىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىر ئادەم تىنچ ھالەتتە تۇرغاندا، ئارترېيە قان بېسىمىنىڭ قىسقىرىش بېسىمى (يۇقىرى بېسىم) 140 mmHg دىن، كېڭىيىش بېسىمى (تۆۋەن بېسىم) 90 mmHg دىن يۇقىرى بولسا، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ. بۇ كېسەللىكنى داۋالاشتا دورا بىلەن بىرگە، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

تۇغۇتتىن كېيىن قورساق نېمىشقا كىرىپ كەتمەيدۇ؟

نۇرغۇن ئانىلار تۇغۇتتىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى تۈشسىمۇ، لېكىن قورساق قىسمىنىڭ يەنىلا تومپىيىپ چىقىپ تۇرغانلىقىدىن، ھەتتا ھامىلىدار ئاياللاردەك كۆرۈنۈپ قالغانلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ. بۇ كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئادەتتىكى سېمىزلىك بولماستىن، بەلكى «قورساق تۈز مۇسكۇلى بۆلۈنۈش» (Diastasis Recti) نىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ مەسىلە ئانىلارنىڭ تاشقى قىياپىتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە بەل ئاغرىقى، سۈيدۈك تۇتالماسلىق ۋە ئىچكى ئەزالارنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.