دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
27 تانە باھا سۆزى بار
4376 يازمىسى بار

تېرە قۇرغاقلىشىش

تېرە قۇرغاقلىشىش دائىم كۆرۈلىدىغان تېرە مەسىلىسى بولۇپ، تېرىدە سۇ ۋە ماي كەمچىل بولۇش، تېرە يىرىكلىشىش، كېپەكلىشىش ۋە قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش، تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئۇسۇلى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.

ئىممۇنىتېت دىگەن نىمە؟

بەزى كىشىلەر ئىممۇنتېت سۆزىنى ئىممۇنىت ، ئىمۇنىتىت، ئىممۇن، بەرداشلىق كۈچ ... قاتارلىق شەكىلدە ئاتاپ كېلىۋاتقانلارمۇ بار. ئىممۇنىتېت ئورگانىزمنىڭ سىرتتىن كەلگەن كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ تۇغما ئىممۇنىتېت ۋە ئېرىشمە ئىممۇنىتېتتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىممۇنىتېتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەيدىز كېسىلى ياكى سىفلىس بارلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟

1. قىسمەن كىشىلەردە لىمفا تۈگۈنى يوغىناش كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە بويۇن ياكى قولتۇق ئاستى ۋە ياكى يىرىقتىكى لىمفا بەزلەر يوغىنايدۇ. لېكىن بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن كىچىكلەيدۇ.

ئىچى سۈرۈش ۋە سېرىق سۇلۇق تەرەت

ئىچى سۈرۈش ۋە سېرىق سۇ كۆپ خىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، بۇ يېمەك - ئىچمەك، دورا، يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھەركۈنى پۇتنى بېسىپ بەرگەندە، پۇت ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ

ياش چوڭايغانسېرى بەدەندە ھەرخىل ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ، بۇ پۇتتىكى ئۆزگىرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيلى پىيادە مېڭىش، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىش ياكى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا يۈگۈرۈش بولسۇن، پۇت قىسمىدىكى مۇسكۇللارغا بولغان بېسىم ئېغىر بولىدۇ. دائىم پۇتنى سوزۇپ بەرگەندە ئاغرىقنى پەسەيتىپ، بېسىمنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ پايدىسىنى بىلەمسىز؟

مېنىڭ چۈشتە ئۇخلايدىغان ئادىتىم بار، ھەر قانچە ئالدىراش بولساممۇ ۋاقىت چىقىرىپ ئازراق ئۇخلىۋالسام چۈشتىن كېيىنكى رۇھىي ھالىتىم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە چۈشلۈك ئۇيقىغا نىسبەتەن بەلگىلىك تالاش-تارتىشلار مەۋجۇت، بەزى كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا، چۈشتىن كېيىنكى خىزمەتكە بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر چۈشتە ئۇخلاشنىڭ پۈتۈنلەي ھاجىتى يوق، چۈشتە ئۇخلىمىسىمۇ چۈشتىن كېيىن يەنىلا ياخشى بولغان روھىي ھالەتنى ساقلىغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

قورساقتا ئەسۋە پەيدا بولۇش

قورساق قىسمىدا ئەسۋە پەيدا بولۇشنى كۆپ خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى، يۇقۇملىنىش، دورا رېئاكسىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پىياز بىلەن تەييارلانغان رىتسىپلار

دىماغ پۈتۈپ قالسا ، كىچىككىنە پىياز پارچىسىنى بۇرۇن تۆشىكىگە باسسا ، ئۈنۈمى ئادەتتىكى دورىلارنىڭكىدىن تىز بولىدۇ .

تاتلىق يېمەكلىككە زىيادە ئامراقلىق دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتىمۇ؟

دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىك يولدىن ئېزىپ قېلىش، ئىشنى ئۇنتۇپ قېلىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ئويلايدۇ، ئەمما يېقىندا مەلۇم تور بېكەت ئېلان قىلغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشچە، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەر خىل دېۋەڭلىك كېسىلى بىمارلىرىدا ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلىدىغان ھادىسە بولسىمۇ، لېكىن دېۋەڭلىك كېسىلى بىمارلىرىدا دائىم بىر تىپىك دەسلەپكى ئالاھىدىلىك بار ئىكەن، ئۇ بولسىمۇ تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرۈشتىن ئىبارەت. يەنى تاتلىق يېمەكلىككە تەشنا بولۇش دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

ھورمۇن تەڭشەش ھامىلىدار بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ

كەيپىيات جىددىيلەشكەندە ۋە بېسىم چوڭ بولغاندا، بەدەندىكى ۋىتامىن B كۆپ مىقداردا مېتابولىزم ئېلىپ بارىدۇ، مۇۋاپىق تولۇقلىغاندا، ئېنېرگىيە مېتابولىزمىنى كۈچەيتىپ، ئورگانىزمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ھامىلىدار بولۇشقا بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ.