ئانا سەھىپەخانىم قىزلارگۈزەللىكچاچنىڭ ئاسان مايلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر قايسىلار؟

چاچنىڭ ئاسان مايلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر قايسىلار؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چاچ مايلىشىشقا نىسبەتەن بەزى كىشىلەر چاچنى كۆپ يۇيغاندا چاچ ئاسان مايلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئۇنداقتا چاچنىڭ ئاسان مايلىشىشىنى راستىنلا چاچنى كۆپ يۇيۇش بىلەنلا يوقاتقىلى بولامدۇ؟

بۇنىڭ جاۋابىنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۆۋەندىكىلەرگە جاۋاب تېپىشقا توغرا كېلىدۇ:

باشنى «ئاۋارە قىلىۋاتقان» ماي قانداق پەيدا بولغان؟ ئۇنىڭ قانداق زىيىنى ياكى رولى بار؟

باش تېرىسىدىن چىققان ماينىڭ كۆپ قىسمى تېرە ياغ بېزى (ئاساسلىق يۈز، پېشانە ۋە باش تېرىسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئورۇنغا ئەڭ زىچ تارقالغان)دىن كېلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە تېرە ياغ بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان تەركىبلەر تېرە سىرتقى يۈزىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ پارچىلىنىشىدىن شەكىللەنگەن ياغ ماددىسى بىلەن ئارىلىشىپ بىزنى بىئارام قىلىدىغان باش تېرىسىدىكى ماينى پەيدا قىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بۇ مايلار پۈتۈنلەي زىيانلىق تەركىبمۇ ئەمەس. ئۇ تېرىنىڭ ئەڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولۇپ، ئىسسىقلىق ساقلاش، تېرىدىكى سۇ تەركىبىنى ساقلاش ۋە سىرتتىن كەلگەن كېرەكسىز ماددىلارنى توسۇش رولىنى ئۆتەيدۇ. شۇڭا تېرە ئاجرىتىپ چىقارغان مايغا نىسبەتەن زىيادە سەزگۈر بولۇش ھاجەتسىز، پەقەت مۇۋاپىق مىقداردا تېرە قسمىنىڭ پاكىزە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلساقلا يېتەرلىك.

كىشىلەرنىڭ بەدەن ئېكولوگىيەسى ئۇلاردا باشتىكى ماي شەكىللىنىش مىقدارىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنداقتا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ باشتىكى ماي مىقدارىنىڭ كۆپ بولۇشى قايسى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟

بەدەندىكى ھورمۇن سەۋىيەسى: ھورمۇننىڭ ئۆزگىرىشى تېرە ياغ بېزىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، ھورمۇن ئۆزگىرىشى كۈچلۈك بولغاندا تېرە ياغ بېزىنىڭ جانلىنىشىمۇ كۈچىيىپ باش تېرىسىدىكى ماي مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

زەمبۇرۇغتىن يۇقۇملىنىش: باش تېرىسىدىكى زەمبۇرۇغ باكتېرىيەسى باش تېرىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، باش تېرىسى قىزىرىش، قىچىشىش، چاچ كېپەكلىشىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇنداقلا باشتىكى ماينىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ تېزلىشىشىنى ھەتتا دەۋرىي تەكرارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتى: بىر قىسىم يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، شۇنداقلا مۇۋاپىق ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلماسلىق قاتارلىق نامۇۋاپىق تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنىڭ ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، چاچنىڭ ئاسان مايلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

چاچ يۇيۇش ئادىتى: چاچ يۇيۇش قېتىم سانى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇش ۋە چاچ قۇرۇتقۇچنى زىيادە كۆپ ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تېرە ياغ بېزىنىڭ ماي ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاچ مايلىشىشنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدۇ.

 

چاچ ئاسان مايلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز؟

1. چاچ ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى تاللىغاندا ئۆز باش تېرىسىگە ماس كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى تاللاش ۋە چاچ يۇيۇش قېتىم سانىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك.

2. چاچ يۇيغان سۇنىڭ بەك سوغۇق ياكى بەك قىزىق بولۇشى ئوخشاشلا باش تېرىسىگە زىيانلىق بولغاچقا، چاچ يۇيغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئىلمان ھالەتكە (تەخمىنەن 31-38 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولسا مۇۋاپىق) ئەكېلىش كېرەك. چۈنكى ئىلمان سۇدا چاچ يۇيغاندا باشتىكى تەر تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىدۇ ۋە پەيدا بولغان مايلار ئاسانلا يۇيۇلۇپ چىقىپ كېتىدۇ.

3. يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ياخشىلاش، ئاچچىق ۋە مايلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تاماكا چېكىشمۇ چاچ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، تاماكا چەككۈچىلەرمۇ ماس ھالدا تاماكا چېكىش مىقدارىنى كونترول قىلىشى كېرەك.

4. كۈندىلىك تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ تۈنىمەسلىك كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-14 / 10:52:32

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ