ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئادەمنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ سېزىمچانلىقى تەدرىجىي تۆۋەنلىگەچكە، بەدەندە سۇنىڭ كېمەيگەنلىكىنىمۇ ئانچە ھېس قىلمايدۇ، بۇنىڭغا خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى قوشۇلۇپ سۇ ئىچىپ تۇرۇش ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھۈجەيرىلەر ئۇزاق مۇددەت «سۇ كەملىك» ھالىتىدە تۇرۇپ قالىدۇ.
بەدەندىكى ئەزا ۋە توقۇلما ھۈجەيرىلەر ئۇزاق مۇددەت يېتەرلىك سۇغا ئېرىشەلمىسە قورۇلۇپ قېلىپ، بەدەن سۇيۇقلۇقى (قان ۋە سۈيدۈك) قويۇقلىشىپ كېتىدۇ، بۇ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىنى پەيدا قىلغاندىن باشقا، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلىدۇ، يەنە سۈيدۈك قويۇقلىشىپ، چىقىرىلىش قېتىم سانى ئازىيىپ، سۈيدۈك يولىدىكى ئەزالار، بولۇپمۇ مەزى بېزىنى ئاسانلا زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، مەزى بېزى ياللۇغى ئاساسەن جىددىي خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ زىيىنى ئېغىرراق بولىدىكەن، چۈنكى مەزى بېزى ياللۇغى ئاغرىقلىرى ئىچىدە ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ئاغرىقلىرى كۆپ بولۇپ، كېسەللىك ئاسانلىقچە ئاشكارىلانمايدىكەن، ئېغىر مەزى بېزى ياللۇغىغا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.
شۇڭا، ئەرلەر يۈرەك كېسىلى ۋە بۆرەك كېسىلى بولماسلىق ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، كۈنىگە 1500~ 2000 مىللىلىتىرغىچە قايناقسۇ ياكى چاي ئىچىپ، يېتەرلىك سۈيدۈك ئارقىلىق سۈيدۈك يولىنى تازىلىشى، مەزى بېزى ئاجرالمىلىرىنى ۋاقتىدا چىقىرىپ تاشلاپ، مەزى بېزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
كېچىسى سۈيدۈكى كۆپرەك قىستايدىغان مەزى بېزى بىمارلىرى كېچىلىك ئارامىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن، كەچتە سۇنى كۆپ ئىچمەسلىكى، بىراق كۈندۈزى كۆپرەك ئىچىپ بېرىشى كېرەك.
Allah razi olsun,ukam capa tartiwatisiz