بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
دىيابېت كېسىلى قوزغىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان مېتابولىزملىق كېسەللىك بولۇپ، بىمارنىڭ بەدىنىدىكى قان شېكىرى ۋە قاندىكى ماي مېتابولىزمى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. گەرچە دىيابېتنى ئۈزۈل-كېسىل يىلتىزىدىن ساقايتىدىغان ھېچقانداق ئۇسۇل بولمىسىمۇ، ئەمما قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى ئىچىش ياكى ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنى تۇراقلاشتۇرغىلى، نىشان ئەزالارنى قوغداپ، دىيابېتنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
1-تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى، 2-تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ھەمدە ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەر قوشۇلۇپ كەلگەندە ئىنسۇلىن بىلەن داۋالىنىشى كېرەك. لېكىن قىسمەن دىيابېت بىمارلىرىغا ئىنسۇلىن رېئاكسىيە قىلىدۇ، ئوكۇل قىلىنغان ئورۇندا روشەن قىچىشىش، قىزىش، تېرە ئاستىدا قاتتىق تۈگۈن ۋە سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولىدۇ، يەنە قىسمەن بىمارلاردا پۈتۈن بەدەن قىچىشىش، قورساق ئاغرىش، يۇقىرى قىزىتما ۋە زىققە كۆرۈلىدۇ، ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن ئىنسۇلىن رېئاكسىيە قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؟
1. بەدەن زىيادە سېزىمچان بولسا
ئىنسۇلىن ياسالمىلىرى تەركىبىدە ئىنسۇلىن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نۇرغۇن ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن گىلىتسېرىن، سىنك ۋە ئاقسىل قاتارلىقلار. ئىنسۇلىن ئاقسىل تۈرىدىكى ماددىغا تەۋە بولۇپ، ئاسانلا زىيادە سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا زىيادە سېزىمچانلىقى كۈچلۈك كىشىلەردە ئاسانلا ئىنسۇلىن رېئاكسىيە قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
2. گېن قايتا گۇرۇپپىلانغان ئادەمگە ئىنسۇلىن رېئاكسىيە قىلىدۇ
يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئىنسۇلىننى ئادەم بەدىنىگە ئوكۇل قىلىپ سالغاندىن كېيىن كۆپ پولىمېرلىق تەنچە شەكلىنى ھاسىل قىلىپ، ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئورگانىزمدا ئانتىگېنلىق خۇسۇسىيەتنى پەيدا قىلىدۇ. ئىنسۇلىندىكى قوشۇمچە ماتېرىيالغا زىيادە سەزگۈرلۈك بولۇشىمۇ مۇمكىن، مەسىلەن گىلىتسېرىن، ئاقسىل ۋە سىنك قاتارلىقلار. بۇ خىل ئەھۋالدا تېرە سىنىقى ئۇسۇلى ئارقىلىق دىياگنوز قويۇپ، زادى قايسى خىل خۇرۇچقا نىسبەتەن زىيادە سېزىمچانلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىش كېرەك.
3. پىسخىكىلىق ئامىل
قىسمەن دىيابېت بىمارلىرى ئىنسۇلىنغا نىسبەتەن توغرا تونۇشتا بولماي، ئەكس تەسىر ياكى تايىنىۋېلىش پەيدا بولۇشتىن قورقۇپ، قارشىلىشىش پىسخىكىسى پەيدا بولىدۇ. ئىنسۇلىن ئوكۇل قىلىپ داۋالاشقا مەجبۇر بولغاندىن كېيىن، پىسخىكا جەھەتتىن قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قېلىپ، بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
5. ئىنسۇلىنغا ئوخشاش ماددىلار رېئاكسىيە قىلىدۇ
قىسمەن دىيابېت بىمارلىرىغا ئىنسۇلىن تۈرىدىكى ماددىلار رېئاكسىيە قىلىدۇ، بىراق بۇ تۈردىكى زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئىنسۇلىن ياسالمىلىرىنىڭ بەزى تەركىبلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ئەگەر دىيابېت بىمارلىرى ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغاندىن كېيىن پۈتۈن بەدەنگە رېئاكسىيە قىلسا، بىرىنچى بولۇپ مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارنى تاللاپ كېسەلگە قاراپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھاياتىغا خەۋپ يېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر يەرلىك ئورۇن ياكى پۈتۈن بەدەننىڭ زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى يوقالسا، ئىنسۇلىننىڭ رېئاكسىيە يۈز بېرىش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ۋاقتىدا تېپىپ چىقىش، زۆرۈر بولغاندا زىيادە سەزگۈرلۈك مەنبەسىنى تەكشۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسۇلىننى توغرا ئوكۇل قىلىپ سېلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، ئوكۇل سېلىش ئورنىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/18998809.shtml