( يۈكسەل ) ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى
1. ئەيدىز كېسەللىكى توغرىسىدىكى ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆزىدىكى قورقىنىچ ۋە تېڭىرقاپ قېلىش كەيپىياتىنى تۆگىتىش كېرەك. ئەيدىز كېسەللىكىگە ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئەيدىز كېسەللىكى بىمارلىرىنى كەمسىتمەسلىك كېرەك.
2. پاك دىيانەتلىك بولۇپ، ئۆزىنىڭ ﮬالال جۈپتىگە سادىق بولۇش كېرەك. جىنسىي ﮬەمراﮬى قانچە كۆپ بولسا ئەيدىز كېسەللىكنىڭ يۇقۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى شۇنىچە چوڭ بولىدۇ.
3. ئۆز جۆرىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، ئۇنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشى ۋە ئەخلاق – دىيانىتىنى كۆزىتىپ تۇرۇش ، تالاغا قاراش ۋە زەﮬەرلىك چىكىملىك چىكىش قاتارلىق ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۋالماسلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
4. جىنسىي ﮬەمراﮬىڭىزنىڭ ئەزايى – تۇرقىدىن قانچىلىك دەرىجىدە ساغلام ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرسىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماڭ!
5.جىنسىي تۇرمۇشتا، سۈپىتى ئىشەنچىلىك بولغان ﮬامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتىڭ.
6. ئۆزىڭىزنى قوغداش شارائىتى بولمىغان ئەﮬۋال ئاستىدا باشقىلارنىڭ قېنى ۋە زەخمە ئېغىزى بىلەنﮬەپىلەشمەڭ. ئەڭ ياخشىسى شۇنداق چاغلاردا پۇختا بولغان سولياۋ پەلەي كېيىۋېلىڭ.
7. ئىشپىرىس ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز يۇقىرى ئۆلچەمدە دېزېنفېكسىيە قىلىپ ئىشلىتىڭ. ئەڭ ياخشىسى ﮬەر بىر ئادەمگە بىر ئىشپىرىس ئىشلىتىش، ئىشلەتكەندە بىر قېتىملىق ئىشپىرىس ئىشلىتىش كېرەك.
8. باشقىلارنىڭ چىش چوتكىسىدا چىش چوتكىلاش ۋە باشقىلارنىڭ ساقال ئالغۇچىنى ئىشلىتىشتىن قاتتىق ﮬەزەر قىلىڭ. ساتراچخانىلاردا بولسا ساتراچنىڭ ئۇسترا ، تىغلىرنىڭ پاكىز بولۇشى ، ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشىغا دىققەت قىلىڭ، ﮬەر قېتىم ئالماشتۇرۇشنى جىكىلەشنى ئۇنۇتماڭ.
9. تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن قان ۋە قان ياسالمىلىرنى ئىشلەتمەڭ.
10. بەدەنگە خەت ۋە رەسىم چەكمەڭ. تازىلىق ئۆلچىمى يۇقىرى بولمىغان ساتراچخانا ، ﮬورداقخانا، چىش دوختۇرخانىسى ( چىشخانا ) قاتارلىق جايلارغا بارماڭ.
11. جىنسىي كېسەللىڭىز بولسا، دەرﮬال ئۆز ۋاقىتدا داۋالىتىپ ساقىيىڭ. بولمىسا ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكى ئارتىپ كېتىدۇ.
12. زەﮬەر چەكمەڭ. ئەگەر ئاللىقاچان زەﮬەرگە ئۆگىنىپ قالغان بولسىڭىز، باشقىلار بىلەن بىر ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن قەتىئىي ساقلىنىڭ.
مەنبە:
ئىزدىنىش مۇنبىرى
ManYuksel
Sizinle ne zaman konuşabiliriz ne zaman WhatsApp’ta konuşma vaktiniz yetiyor saat kaçta Sizinle önemli bir şey konuşacaktık