دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
27 تانە باھا سۆزى بار
4373 يازمىسى بار

قورساق تېرىسى ساڭگىلاش

قورساق قىسمىدىكى تېرىنىڭ ساڭگىلاپ قېلىشى قورساق قىسمىدىكى تېرىنىڭ بوشاپ، ئەسلىدىكى چىڭلىقى ۋە ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئەيدىزنىڭ ئەڭ ياخشى تەكشۇرۇش ۋاقتى

نۇرغۇن ئادەم ئەيدىزتىن ئىنتايىن قورقۇدۇ، بۇ قورقۇش ئۇگۇنۇش، خىزمەت جەريانىدا كەيپىياتقا ناھايىتى پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ تۇۋەندە مەن كۆپچىلىككە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش شەكلىدە ئازراق چۇشەنچە بېرىمەن ،ھەمدە كوپچىلىككە ئازراق پايدىسى بولۇپ قالسا دىگەن ئۇمۇتتىمەن

بەل ۋە قورساقتىكى ئارتۇقچە گۆشلەرنى قانداق ئازايتىش كېرەك؟

ئادەم سەمرىسىلا قورسىقى چىقىپ قالىدۇ، شۇڭا ئورۇقلاش مەزگىلىدە بەل ۋە قورساق قىسمىدىكى ئارتۇق گۆشلەرنى ئورۇقلىتىش بىر قەدەر تەس. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بەل ۋە قورساقتىكى ئارتۇقچە گۆشلەرنى ئورۇقلىتىش ناھايىتى تەس؟ تۆۋەندە بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ باقايلى.

سۈنئىي قان تومۇر ئۈستىدىكى يېڭى ئىلگىرلەشلەر

يېقىندا تەتقىقاتچىلار بىر خىل يېڭى تىپتىكى سۈنئىي قان تومۇر ماتېرىيالىنى كەشىپ قىلىپ، يۈرەككە كۆۋرۈك سېلىش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى. بۇ خىل يېڭى ماتېرىيال بىر خىل ئالاھىدە پولىمېردىن ياسالغان بولۇپ، تېخىمۇ ياخشى بىئولوگىيىلىك ماسلىشىشچانلىققا ۋە چىدامچانلىققا ئىگە. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ماتېرىيال ئوپېراتسىيەدىن كېيىن قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىش خەۋپىنى ئازايتىپ، قاننىڭ ئېقىشچانلىقىنى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.

گېن داۋالاش دۇشەن مۇسكۇل ئوزۇقلۇق ناچارلىشىشنى داۋالاشتا يېڭى بۆسۈشلەرنى قازانماقتا

يېقىندا ئالىملار گېن ئارقىلىق داۋالاش ساھەسىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. تەتقىقات ئەترىتى بىر خىل يېڭى گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلىپ،  مۇسكۇل يىگلەشكە قارشى ئاقسىلنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە نەتىجىلەرنى قازاندى. بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى CRISPR Cas9 گېن تەھرىرلەش قورالىدىن پايدىلىنىپ ،DMD گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ،مۇسكۇل ھۈجەيرىسىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ھايۋانات تەجرىبە مودېلىنىڭ نەتىجىلىرى كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل گېن ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى مۇسكۇللارنىڭ ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئازايتقان.

ئەيدىز ۋىروسىدىن بولغان تۇبېركۇليوز

ئەيدىز جىنسىي تارقىلىشچان كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ، تارقىلىش يوللىرى، خەتەرلىك ھەرىكەتلەر، چېتىلىدىغان ئادەملەر توپى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى جەھەتتە ئادەتتىكى جىنسىي كېسەللەر بىلەن نۇرغۇن ئورتاقلىققا ئىگە. بولۇپمۇ جىنسىي ئەزالىرىدا يارا بار بولغان جىنسىي كېسەل ئاغرىقلىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ ھەم ئەيدىز كېسىلىنى تارقىتىدۇ.

تۇز بەدىنىمىزگە زادى پايدىلىقمۇ زىيانلىقمۇ؟

تۇز كۈندىلىك يېمەك - ئىچمىكىمىزدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، تۇز ئادەم بەدىنىنىڭ سالامەتلىككە پايدىسىمۇ، زىيىنىمۇ بار. بۇ تەسىرلەرنى چۈشىنىش بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىشىمىزغا پايدىلىق.

ئاشقازان يارىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنى خالىمىسىڭىز بۇ يېمەكلىكنى ئاز ئىستېمال قىلىڭ

ئاشقازان، ئۈچەي ئادەم بەدىنىدىكى بىر قەدەر مۇھىم ئەزا، ئەگەر ئادەتتىكى تۇرمۇشتا ئاسراشقا دىققەت قىلمىسا ئاسانلا بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاشقازان يارىسى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلى، ئاشقازان يارىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا ئاسانلا قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، ئاچچىق كېكىرىش ۋە قارا تەرەت كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت داۋالانمىسا، راكقا ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن.

ھۆل تەمرەتكىنى زادى ساقايتقىلى بولامدۇ-يوق؟

ئادەتتە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھۆل تەمرەتكە بىلەن تېرە ياللۇغىنى بىر ئىش دەپ قارايدۇ. ئەمما مېدىتسىنا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، تېرە ياللۇغىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولىدۇ، مەسىلەن ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، ياغ تەپچىرەپ كېتىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى قاتارلىقلار، ئەمما ھۆل تەمرەتكىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئادەتتە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، مۇقىم ياكى بىردىنبىر بولمايدۇ.

تۇخۇمداننىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۇسۇللار

ئادەتتە كالا سۈتى، بېلىق، راك قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان مىكرو ئېلېمېنتلار بولۇپ، ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يەنە جىنسىي ھورمۇننىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان قېرىشنى پەسەيتىدۇ.